باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

 ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

2018.12.12 09:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ ئاشلىق خىزمىتىنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مۇھىم، زور مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بويىچە باھالاشنى ياخشى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك بولۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى بوشاشتۇرماي چىڭىتىشى؛ «رايون ئىچىدە تەڭپۇڭ بولۇش، ئازراق ئېشىنچا بولۇش»تىن ئىبارەت ئاشلىق خىزمىتى فاڭجېنىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئوبوروتىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى باھالاش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشى؛ ئاشلىق يىغىش- ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى؛ ئىشلەپچىقىرىش رايونى بىلەن سېتىش رايونى، شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشتۇرۇلغان يېڭىچە ئاشلىق- ياغ ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش ھەمكارلىق مېخانىزمى ۋە سېتىۋېلىش- سېتىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشى؛ ھۆكۈمەتنىڭ زاپاس ساقلىشىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىقنى ماكرولۇق تەڭشەپ تىزگىنلەشنىڭ قاراتمىلىقى، دەللىكى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئەزا ئورۇنلار مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر