خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 11- كۈنى، رۇسىيە سابې مۇنارىدا، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ (ئوڭدا) ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى ئىچىدىكى يامال سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز تۈرى (LNG)نىڭ 3- ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى 11- دېكابىر رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، بۇ لىنىيە پىلاندىن بىر يىل بۇرۇن تاماملاندى.
يامال تۈرى بولسا، شىمالىي قۇتۇپتا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز تۈرىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تۈر، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، رۇسىيەدە يولغا قويۇلغان تۇنجى پەۋقۇلئاددە چوڭ تىپتىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىق تۈرى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر تۈرنى روسىيە نوۋا تەيكى شىركىتى، جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، فىرانسىيە توتال شىركىتى ۋە جۇڭگو يىپەك يولى فوندى قاتارلىقلار ئورتاق ھەمكارلىشىپ ئاچقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى