باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودا 40 يىلدا 700 مىليون ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى

2018.12.14 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 13-دېكابىر ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزدە يېزىلاردىكى 700 مىليوندىن ئارتۇق نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇش تارىخىدا شانلىق سەھىپە يېزىلغان. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يوڭفۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇس %85تىن يۇقىرى ئازلايدىكەن، %80 ئۆپچۆرىسىدىكى نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقىپ، %50 تىن يۇقىرى نامرات ناھىيەلەر نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايدىكەن. 2020-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى نامرات نوپۇس پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامرات ناھىيەلەر پۈتۈنلەي نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، كۆك نامراتلىقنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك ھالدا تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىلىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.

  ليۇ يوڭفۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچى قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى يولغا قويدى، ئېلىمىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يېڭى باسقۇچىغا كىردى. ئالتە يىللىق جاپالىق تىرىشىشتىن كېيىن، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغۇچە، مەملىكەت بويىچە 832 نامرات ناھىيەدىن 430دىن كۆپرەكى ئازىيىدۇ، 128 مىڭ نامرات كەنتتىن 100 مىڭغا يېقىن كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر