باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىخەتەرلىكنى قوغداش سەۋەبىدىن لىۋىيەدىكى ئەڭ چوڭ بىر نېفىتلىك ۋاقتىنچە تاقالدى

2018.12.12 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تىرىپولى خەۋەرگە قارىغاندا، لىۋىيە دۆلەت نېفىت شىركىتى 10- دېكابىر مۇنداق دېدى: سىرتتىن كەلگەن كاشىلا تۈپەيلىدىن، بۇ شىركەتنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا جايلاشقان شارارا نېفىتلىكى تاقالدى.

  لىۋىيە دۆلەت نېفىت شىركىتى 10- دېكابىر بىر پارچە باياناتىدا مۇنداق دېگەن: شارارا نېفىتلىكى ئۆزىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن، مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى تاقالدى .

  باياناتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قوراللىق ئۇنسۇرلار نېفىتلىك قۇرۇلۇش ئورنىدا بۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچىلىرىگە زوراۋانلىق قىلىپ، شىركەتنىڭ مال ـ مۈلكىنى بۇلاپ، نېفىتلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا ئارىلىشىۋالغان. باياناتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ شىركەت قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن سۆھبەتلەشمەيدۇ، ھەمدە ئۇلاردىن نېفىتلىك رايونىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەزكۇر باياناتتا شىركەت لىدىرى سانالانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: قوراللىق ئۇنسۇرلار نېفىت ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە تەھدىت سالدى.

  شارارا نېفىتلىكىنى لىۋىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ۋە چەتئەل مەبلىغى بىلەن ئىش يۈرگۈزىۋاتقان ئۈچ كارخانىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە گەۋدە بىرلىكتە باشقۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ لىۋىيەدىكى ئەڭ چوڭ نېفىتلىك ھېسابلىنىدۇ. لىۋىيە دۆلەت نېفىت شىركىتى مۇنداق دېدى: شارارا نېفىتلىكىنىڭ تاقىلىشى بىلەن، نېفىتنىڭ ھەر كۈنلۈك مەھسۇلاتىدىن 310 مىڭ تۇڭ ئازىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، لىۋىيەدە ھەر كۈنى ئاز بولغاندا 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كىرىم ئازىيىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر