خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ھايات قالغان چاڭ جىچياڭنىڭ قىزى چاڭ شياۋمېي (ئوتتۇرىدا) «نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ 81 يىللىقى − 2018- يىللىق توكيو گۇۋاھلىق سۆزى يىغىلىشى»دا سۆز قىلماقتا.
شۇ كۈنى، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ قەبىھ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش ئۈچۈن، ياپونىيەلىك زەكىي زاتلار توكيودا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كىشىلەرنى تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچ، دوستانە كەلگۈسى يارىتىشقا مۇراجەت قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى