باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «2018-يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە قاتناشقان چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2018.12.13 16:43   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ «2018-يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە قاتناشقان چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12- دېكابىر خەلق سارىيىدا «2018-يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە قاتناشقان چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرى ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى ھەمدە چەت ئەللىك مېھمانلار ۋەكىللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىللىق «سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»نىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى دەل جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان ۋاقتىغا توغرا كەلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق تاللاشنى ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب دېيىشكە بولىدۇ. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، كەمچىل بولۇشتىن يېتەرلىك بولۇشقا، نامراتلىقتىن ھاللىق سەۋىيەگە قەدەم قويدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى خەلقنى مەركەز قىلغان. يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۆزگىرىش، مىقدارنى كېڭەيتىشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ئۆزگىرىش. تېخىمۇ تەڭپۇڭ، تېخىمۇ تولۇق تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چوقۇم ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش لازىم. بۇ يىل ئاپرېلدا ئېچىلغان بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا، مەن بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇپ بېرىش، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى يارىتىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ئىمپورتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىش قاتارلىق ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە دائىر بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى جاكارلىغان ئىدىم. جۇڭگو تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، مەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى يېڭى مۇھىم تەدبىرلەرنى جاكارلىدىم. جۇڭگو كۆپ تەرەپلىك مەسلىكى يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ، ئېچىۋېتىلگەن ئىشىك تېخىمۇ چوڭ ئېچىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭگو يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش بىزنىڭ تىرىشىش نىشانىمىز، شۇنداقلا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم يوشۇرۇن كۈچى. كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىشى تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال ئېھتىياجىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بىزنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىدىغان ئاساسىي ئامىلىغا قارىتا ئىشەنچىمىز قەتئىي كامىل، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا قەتئىي ئىشەنچىمىز كامىل.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…
    ·2019- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىندى 
    ·«مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بولۇپ قالماقتا
    ·2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر سانىنىڭ 8 مىليون 340 مىڭغا يېتىش…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەسلىلەر ھەمدە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئومۇم مەنپەئەتلىنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىر…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ 2019- يىللىق ياردەم پۇلى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى 
    ·بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى بىللە كىتاب ئوقۇپ بېرىش تولىمۇ مۇھىم
    ·جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر قېلىپل…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باشقۇرۇش جەھەتتە «كەڭ قويۇۋېتىش، بوشىشىش، يۇمشاق قول ب…