باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا يەر ئىسلاھاتى قۇرۇلۇش خەرىتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

يەر ھۆددە مۇددىتىنى يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈلىدۇ

تېخىمۇ كۆپ يەر تۈزۈمى بىلەن تەمىنلەش تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ

2018.12.13 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  40 يىلدا، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددە بېرىش ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» ئىسلاھاتى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. يېزىلاردىكى يەر ئېلىش، كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرنى بازارغا سېلىش، يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت «ئۈچ پارچە يەر» ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاجايىپ سەھىپە ئېچىلدى.

  «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا يەر ئىسلاھاتى قۇرۇلۇش قىلىش چېرتيوژىدا، تېخىمۇ كۆپ يەر تۈزۈمى بىلەن تەمىنلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تېزلىتىلىپ، ھۆددە يەرنىڭ «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىدىن چېكىنىپ چىقىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا كوللېكتىپ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندىكەن. يېقىنقى مەزگىلدە، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە، يەنە ھۆددە يېرى ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، گۇۋاھنامە بېرىش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ تاماملىنىپ، يەر ھۆددە مۇددىتىنى يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى قۇرۇلۇش چېرتىيوژى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ يەر تۈزۈمى بىلەن تەمىنلىنىدىكەن، شۇنداقلا تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن، بولۇپمۇ ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.

  مەلۇم بولۇشىچە، كەلگۈسىدە يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى جەھەتتە ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان يېزا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىدىن چېكىنىپ چىقىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن. يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش، يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش مەبلەغ مەنبەسىنى كېڭەيتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن. يېزىلاردىكى يەر ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىپ، يەر قوشۇلما قىممەت پايدىسىنى تەقسىملەش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن. يېزا كوللېكتىپ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلۇش يېرى بازىرىنى قۇرۇش تېزلىتىلىدىكەن. يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىمىنى ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى يەر قوشۇلما قىممىتى پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىدىكەن.

  يېقىندا، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆددە يېرىنىڭ «ئۈچ ھوقۇق»ىنى ئايرىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ نوپۇزلۇق ئەربابلاردىن ئىگىلىشىچە، ھۆددە يەر ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتى پات ئارىدا تاماملىنىدىكەن، ئالاقىدار تارماقلار يەر ھۆددە مۇددىتىنى يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ چىقىدىكەن ۋە ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر