باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

2018.12.13 15:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، تاپاۋەت بېجى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاشنى كۈچەيتىش قارار قىلىندى؛ يېزا-ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇق كەسىپىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشى، «يېزا-ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ 2018-يىللىق دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنى باھالاش نەتىجىسى ماقۇللاندى.

  يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىگىلىك تىكلەش يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاشنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش، بازار كۈچى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مۇھىم ئامىللارنى مۇجەسسەملەش، ئىگىلىك تىكلەش يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مۇنۇلار قارار قىلىندى: ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سالىدىغان كارخانىلارنىڭ ئۇرۇق مەزگىلى، دەسلەپكى ئىگىلىك تىكلەش مەزگىلىدىكى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارغا مەبلەغ سالغان سوممىسىنىڭ %70 ى بويىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسىدىن توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشتەك ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، قانۇن بويىچە ئەنگە ئالدۇرغان ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سالىدىغان كارخانىلارنىڭ يەككە مەبلەغ سېلىش فوندى بويىچە ھېسابلاپ، شەخس شېرىكلىرى بۇ فوندتىن ئېرىشكەن پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە پاي ئۆسۈمى پايدىسىدىن %20 لىك باج نىسبىتى بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدۇ؛ ياكى ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرىنىڭ يىللىق ئومۇمىي تاپاۋىتى بويىچە ھېسابلاپ، شەخس شېرىكلىرىنىڭ كارخانىلاردىن ئېرىشكەن تاپاۋىتىدىن %5 تىن %35 كىچە بولغان ئاشۇرما باج نىسبىتى بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىنسا بولىدۇ. سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش مۇددىتى ۋاقتىنچە بەش يىل بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سالىدىغان كارخانىلارنىڭ شەخس شېرىكلىرىنىڭ باج يۈكى بىر قەدەر تۆۋەنلەيدۇ، ئازىيىدۇ، كۆپەيمەيدۇ.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، يېزا-ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تىرىكى، شۇنداقلا مەملىكەت ئىچى بازىرىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق. كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەمدىكى تىجارەت ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، بازارنىڭ رولى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. بىرىنچىدىن، شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، ياڭيۇ، قىچا، كېۋەز، شېكەر قومۇش قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ تېرىش، ئورۇش، يىغىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، چوڭقۇر ئاغدۇرۇش چوڭقۇر بوشىتىش، ماشىنا بىلەن ئورۇش، يىغىش قاتارلىقلارغا بەلگىلىمە بويىچە تولۇقلىما بېرىش. مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتى سېتىۋېلىشقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش، پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى رەنىگە قويۇپ قەرز بېرىشكە، يەرلىكنى ئۆسۈم قوشۇپ بېرىپ مەدەت بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، دەل مىقداردا تېرىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوغۇتلاش، سۇ تېجەپ سۇغۇرۇش ۋە ئات كۈچى يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قوللاپ، ئۇششاق يېزا-ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشى، ئېدىرلىق، تاغلىق رايونلارغا ماس كېلىدىغان ئوتتۇرا كىچىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ ئومۇملاشتۇرۇش. ئۈچىنچىدىن، دىققەتنى ئاجىز تۈر، يېتەرسىزلىكلەرگە قارىتىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ ئاجىز ھالىقلىرىغا «ئىشلىتىدىغان ماشىنا بولماسلىق» مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچىدىن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات ئاساسىي شارائىتىنى ياخشىلاپ، دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنى چوڭايتىش، تۈزلەش قاتارلىق «ماشىنا ئىشلىتىشكە قولايلىق بولۇشقا» ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بەشىنچىدىن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسىپىي ئائىلىلىرى، كوپىراتىپلىرى قاتارلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، «ئىنتېرنېت قوشۇلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى» نى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  يىغىندا 2018-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتى نامزاتى، مۇكاپاتلاش تۈرى ۋە دەرىجىسى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، تېخىمۇ كۆپ پەن تېخنىكا خادىملىرى بولۇپمۇ ياشلار پەن تېخنىكا تەرەققىياتى ئۆتكىلىگە ئاتلىنىپ، خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ زور ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر