باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئەسلىھەسىنىڭ ئايغا يېقىن جايدا تورمۇزلىنىشى ئەمەلگە ئېشىپ، «ئالەمدە تورمۇزلاش» تېخنىكىسى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى

«ئاي پەرى 4-» ناملىق تەكشۈرگۈچ ئاينى ئايلىنىش ئوربىتىسىغا كىردى

2018.12.13 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسى ۋە دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: 12- دېكابىر سائەت 16دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، «ئاي پەرى 4-» ناملىق تەكشۈرگۈچ 12 سائەت ئۇچۇش ئارقىلىق، ئاي شارى ئەتراپىغا يېتىپ باردى، ھەمدە ئۇنىڭ ئايغا يېقىن جايدا تورمۇزلىنىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئەمەلگە ئېشىپ، «ئالەمدە تورمۇزلاش» تېخنىكىسى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، ھەمدە ئۇ تەكشۈرگۈچ ئاي شارى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ئايغا تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدىغان نۇقىتىن ئاينى ئايلىنىش ئوربىتىسىغا كىردى.

  ئايغا يېقىن جايدا تورمۇزلىنىش دېگىنىمىز، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئەسلىھەسىنىڭ ئۇچۇش جەريانىدا ئوربىتىدىكى ھالقىلىق نۇقتىدا بىر قېتىم كونترول قىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. تەكشۈرگۈچ ئاي شارى ئەتراپىغا ئۇچۇپ بارغاندا، تەكشۈرگۈچنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش ئارقىلىق، ئۇ كونترول قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ نىسپىي تېزلىكى ئاي شارىنىڭ قېچىش سۈرىتىدىن تۆۋەنلىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى تەكشۈرگۈچنى تۇتىۋالىدۇ. شۇ كۈنى سائەت 16دىن 39 مىنۇت ئۆتكەندە، پەن-تېخنىكا خادىملىرى ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشىنى كونترول قىلىش مەركىزىدە بۇيرۇق چىقىرىپ،«ئاي پەرى 4- » ناملىق تەكشۈرگۈچنىڭ ئايغا 129 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا 7500 ئات كۈچىلىك ماتورىنىڭ ئوت ئالدۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. تەخمىنەن بەش مىنۇتتىن كېيىن، موتور نورمال ئېتىلدى. يىراقتىن ئۆلچەشتىن ھاسىل قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنى كۆزىتىش نەتىجىسىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلغاندا،«ئاي پەرى 4-» ناملىق تەكشۈرگۈچ ئاينى ئايلىنىش ئوربىتىسىغا ئوڭۇشلۇق كىرگەن، ھەمدە ئۇنىڭ ئايغا يېقىن جايدا تورمۇزلىنىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر