باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى

2018.12.13 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 12- دېكابىر «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

  ئاق تاشلىق كىتاب «كىرىش سۆز»، «ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە كاپالەتلىك قىلىدىغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پىرىنسىپى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلدى»، «ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئاشتى»، «تۈرلۈك ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى»، «ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ھوقۇقى- مەنپەئەتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى»، «ئىنسانىي ھوقۇققا قارىتىلغان قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى»، «ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئورتاق راۋاجلىنىشى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈلدى»، «پۈتكۈل يەر شارى بويىچە ئىنسانىي ھوقۇق ئىدارە قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىش»، «دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات يولى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقىلدى»، «خاتىمە» قاتارلىق قىسىملارغا بۆلۈنگەن.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە ئازاد قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ ئومۇميۈزلۈك پىرىنسىپىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات ئىدىيەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى ئەڭ مۇھىم بولغان ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇق قىلغان، ئىنسانىي ھوقۇققا قارىتىلغان قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى يول قىلغان، تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇقلارنى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلغان ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات يېڭى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشتى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا. يەنە نەچچە ئون يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق- مەنپەئەتى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ، جۇڭگو خەلقى تېخىمۇ ئىززەت، ھۆرلۈك ۋە بەختتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر