باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.12.13 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018 - يىلى 7- ئاينىڭ 6- كۈنى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىپ، «ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يېتەكچى پىكىر» دەپ ئاتىلىدۇ)غا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يېقىندا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى مەزكۇر «يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  مەزكۇر «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەركەز بىلەن يەرلىك تەمىنلىگەن ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتلەرنىڭ سۈپەت سەۋىيەسى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش بويىچە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىكى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى ۋە قولايلىقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار بولسا، يېڭى دەۋردە خەلق تۇرمۇشىنىڭ سەۋىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپىدۇر، ھەم شۇنداقلا، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتكۈل خەلقنىڭ تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش جەريانىدا ھاسىل قىلغان ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەزكۇر «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ چىقىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش ئۇسۇلىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈمىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق بايلىق تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىدارە قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئومۇمىي خەلقنى قاپلاش، تۆۋەن چەكنى ساقلاش ۋە ئۇنىڭدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەختلىك ئىكەنلىك تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ھەمدە ئۇلارنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. 2025- يىلىغا بارغاندا، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىدىيەسىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىشىغا سىڭدۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئومۇمىيلاشتۇرۇپ ۋە قوللىنىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرتىپى ئېنىق، ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق بولغان ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش كېرەك؛ 2035- يىلىغا بارغاندا، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى ئاساسەن جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر