باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ياڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى نەننىڭدا ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنى يوقلىدى

2018.12.12 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ تۈنۈگۈن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 1 - شۆبە ئۆمىكىنى باشلاپ نەننىڭدا ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  گۇاڭشى خەلقئارا جۇاڭزۇ تېبابىتى دوختۇرخانىسى داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ۋە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىسى. مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار بۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرخانا قۇرۇلۇشى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تېببىي دورىگەرلىك تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ خاسلىقى بار داۋالاش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەمدە بىمارلار ۋە تېببىي خادىملار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تببىي دورىگەرلىكى ۋە ساغلاملىق كەسىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتى ئۆزگىچە، بايلىق ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت تېببىي دورىگەرلىكى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، ساغلام جۇڭگو ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش لازىم.

  ئارقىدىن ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار فېڭلىڭ شىمالىي مەھەللىسىگە بېرىپ تەكشۈردى، خىزمەتچى خادىملار ۋە پىدائىيلار، ئاھالىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى؛ مەھەللىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەھەللە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر. مەھەللە باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك بايلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، مەھەللە جامائەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش لازىم.

  ناكاۋ دەرياسىنىڭ نەم يەر باغچىسىدا ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار نەننىڭ شەھىرىنىڭ ئىچكى دەريا سۇ سىستېمىسىنىڭ جايلىشىشى، ۋادىلارنى تۈزەش خىزمىتى شۇنىڭدەك بۇلۇت شەھەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى؛ دەريانى تۈزەش ئۈنۈمىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ نەننىڭ شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت جەمئىيەت مەبلىغى ھەمكارلىقى ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، شەھەرنىڭ سۇ مۇھىتىنى تۈزەش ئۇسۇلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى؛ ھەمدە شەھەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار يەنە گۇاڭشى داشۆسىنىڭ مەكتەپ تارىخى كۆرگەزمىسى ۋە ئوقۇتۇش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى؛ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى : گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى تەرەققىيات بىلەن ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىدا ئۆزئارا ياخشى تۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ، گۇاڭشى داشۆسى مەكتەپ باشقۇرۇشتا توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى لازىم.

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار نەننىڭ شەھىرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلىرى، ئامما ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە نەننىڭ شەھىرىنىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ۋاڭ ياڭ كادىرلار ۋە ئامما ۋەكىللىرىنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نەننىڭ شەھىرىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى شانلىق نەتىجىلەرنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭشىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى نەننىڭ تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل،ئۇلۇغۋار سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر