باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىدىكى تۇنجى توختام

يېزا ئىسلاھاتى مۇقەددىمىسىنىڭ ئېچىلىشى (ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى 40 خىل بىرىنچى)

2018.12.14 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1978- يىلى 11- ئاينىڭ 24- كۈنىمۇ گەرچە ئادەتتىكى بىر كۈن بولسىمۇ، لېكىن، شۇ كۈنى جۇڭگونىڭ يېزا ئىسلاھاتى باشلانغان بىر كۈن، ھەمدە يېڭى جۇڭگونىڭ تېرىقچىلىق تارىخىدىكى مۇھىم بىر كۈن. چۈنكى، شۇ كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فېڭياڭ ناھىيەسى شياۋشىخې بازىرى شياۋگاڭ كەنتىدىكى 18 نەپەر دېھقان جۇڭگونىڭ تېرىقچىلىق تارىخىدا كەنتنىڭ كوللېكتىپ يېرىنى «ئائىلىلەرگە تەقسىم قىلىش»تەك بۇ تۇنجى ئىجادىيەتتە تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ، شۇ ھۆددىگەرلىك توختاملىرىغا ئۆزىلىرىنىڭ قىزىل بارماقلىرىنى بېسىشىپ قول قويۇشۇپ، جۇڭگو يېزا ئىسلاھاتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان ئىدى. شياۋگاڭ كەنتىدە جاسارەت بىلەن قىلىنغان بۇ خىل تەۋەككۈلچىلىك ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا مەركەزنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن ئىدى، شياۋگاڭ كەنتىدە ئەينى ۋاقىتتا ئىمزالانغان بۇ «ھايات-ماماتلىق كېلىشىمى» بولسا، ئەمەلىيەتتە جۇڭگو يېزىلىرىدا مەيدانغا كەلگەن يەر ھۆددىگەرلىك ئىجادىيىتىىنىڭ بىر تۇنجى توختامى ھېسابلىناتتى.

  "يېزىلاردىكى ئائىلىلەردە كوللېكتىپ تېرىلغۇ يەرلەردىن يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئۇدا پايدىلىنىپ مەھسۇلات ئېلىشنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى" ئەينى ۋاقىتتا يېزا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئازاد قىلىپ، يۈز مىليونلىغان دېھقاننىڭ ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتىكى يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى تۆۋەندىن تارتىپ تاكى يۇقىرىغىچە ئۆز ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن، ئىسلاھاتنىڭ بۇ خىل دولقۇنى پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىغىچە تارقىلىپ كەتتى. 1983- يىلىغا كەلگەندە، ئېلىمىزدە يېزىلاردىكى يەرلەرنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىشتىن ئىبارەت بۇ خىل تۈزۈم پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇملىشىپ، %90 تىن يۇقىرى ئائىلىلەر يەر ھۆددىگەرلىك توختاملىرىغا ئىمزا قويۇشۇپ، %90تىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىلىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. تېرىلغۇ يەرلەرنى ھۆددىگە بېرىپ ۋە ئېلىپ پايدىلىنىشتەك بۇ خىل تۈزۈم بويىچە شياۋگاڭ كەنتىدە بارلىققا كەلگەن بۇ خىل يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئاساسىدا يەرلەرنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىپ ۋە ئېلىپ باشقۇرۇش يۈزۈمىمۇ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، مۇشۇ ئاساستا يەنە بىر تۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدىكى قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ۋە ھازىرمۇ ھەم پارتىيەمىزنىڭ يېزا ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم ئۇلى بولۇپ قالدى.

  يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا چوقۇم باشتىن-ئاخىر يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ بۇ يېڭى ۋەزىيەتتە، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى يەنىلا دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتۇر. بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ سىياسەت بولسا، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا يەرلىرىگە كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئائىلىۋى باشقۇرۇشنىڭ ئۇل خاراكېرلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇش ۋە يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇقىملىق مۇناسىۋىتىدىكى ئورنىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يەرلەرنى ھۆددىگە بېرىپ ۋە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى ھەقىقىي خاتىرجەم قىلىش كېرەك.

  يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا چوقۇم دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. بۇ، 40 يىلدىن بۇيانقى يېزا ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي قوللانمىسىدۇر. يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۇرۇشتە، دېھقانلارنىڭ يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىش ھوقوقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، دېھقانلارنىڭ يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يەنە ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقى دېگەنلەرگە ئايرىپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلارنى تەسىس قىلىشنى تەڭ ئېلىپ بىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ، يېزا ئىسلاھاتىدا تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق زور ۋە مۇھىم ئىسلاھات ھېسابلىنىدۇ. يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى جانلىق يولغا قويۇپ، يەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ تەرتىپلىك ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا، ئوبوروتلۇق بولۇش، مەركەزلەشتۈرۇلگەن بولۇش ۋە كۆلەملىك باشقۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ دەرىجىسىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇلارنى شەھەر-بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسى ۋە يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش كۆلىمى قاتارلىقلار بىلەن ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش، ھەمدە يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىنى يېڭىلاش دەرىجىسى قاتارلىقلار بىلەن ئۆزئارا زىچ ماسلاشتۇرۇش، ھەم شۇنداقلا ئۇلارنى يەنە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى بىلەن ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

  تارىخ ئېقىمى ھەيۋەتلىكتۇر. شۇنىڭغا ئاسساسەن، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2009- يىلدىن باشلاپ، ئېلىمىز يەنە سىناق نۇقتىلىرىدا يېزىلاردىكى ھۆددە يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، ئۇلارنى تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى سىناق تەرىقىسىدە قانات يايدۇرۇپ، يەرلەرنى ھۆددىگە ئالغۇچى دېھقانلارغا يېزا يەرلىرىنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى گۇۋاھنامىلىرىنى تارقىتىپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر