باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2019-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى، مۇزاكىرە قىلىندى، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.12.14 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى يىغىن ئېچىپ، 2019-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى، مۇزاكىرە قىلدى؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، 2019-يىللىق پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، چىگىش خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىز پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رېتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشقى مۇھىتتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشانىنى بىرقەدەر ياخشى تاماملاپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ يېڭى قەدەم تاشلىدۇق.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2019-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىڭ ھالقىلىق يىلى. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رېتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتا، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، مىكرو سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ كۈچەپ، بازار ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھالقىلىق ئاساس سېلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر