باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيخەيدە ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنى يوقلىدى

2018.12.14 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈزەل تىلىكىنى ئېلىپ تۈنۈگۈن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 1-شۆبە ئۆمىكىنى باشلاپ، بېيخەي شەھىرىدە ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلىرى ئاممىسىنى يوقلاپ ھال سورىدى، كۆپچىلىك بىلەن گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەسس قىلىنغان چياۋگاڭ بازىرى 40 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، بېيخەيدىكى مۇھىم بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە ساياھەت ئىستىراھەت ئورنىغا ئايلاندى. ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېلىقچىلار مۇلازىمەت زالىغا كېلىپ، خىزمەتچىلەر، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ئاممىسى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى، بازارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئارقىدىن ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار ۋەتەنگە قايتقان توققۇز قىرىنداش مۇھاجىر خۇاڭ جياگۇاڭ ئائىلىسىنى يوقلاپ ھال سورىدى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا سىلەر ۋەتەنگە قايتىپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدۇڭلار ھەمدە دۆلەتنىڭ ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋېتىش «تېز پاراخوت»ىغا چىقتىڭلار، ھازىرقى مۇھاجىرلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى ئۇلۇغ نەتىجىلەرنىڭ كارتىنىسى، كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق كۆرەش قىلىش روھىنى ساقلاپ، يۇرت-ماكانى ۋە ۋەتەننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار يەنە بېيخەي شەھەرلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىغا كېلىپ، بۇ يەردىكى ياشانغانلاردىن ھال سورىدى. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياشانغانلارغا بولغان مۇئامىلە بىر جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياشانغانلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرمەكتە، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، سىياسەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ياشانغانلارغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار گۇاڭشى خۈيكې ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىدە بېيخەي شەھىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسپىي ۋە كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. ۋاڭ ياڭ بېيخەينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، تىرىشىپ يەنىمۇ يۈكسىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار شۈ كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيخەي شەھىرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلار ئامما ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە بېيخەي شەھىرىنىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ۋاڭ ياڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بېيخەيدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۈگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ تېزلىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ گۈزەل تىلىكىنى ئېلىپ، گۇاڭشىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلىرى ئاممىسىنى يوقلاپ ھال سورىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر