باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگو بىخەتەرمۇ- ئەمەسمۇ، كانادا پۇقرالىرىنىڭ كۆڭلىدە سان بار، دېدى

2018.12.14 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 13-دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىخەتەرمۇ- ئەمەسمۇ، كانادا پۇقرالىرىنىڭ كۆڭلىدە سان بار، جۇڭگو ئىزچىل تۈردە سىرت بىلەن بولغان ئالاقىگە نىسبەتەن ئاكتىپ ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ كەلدى، پەقەت جۇڭگونىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا بويسۇنسىلا، ئەمەلىيەتتە ئەنسىرىگۈدەك ئىش يوق.

  شۇ كۈندىكى ئادەتتىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: ئاڭلىسام، ھازىر جۇڭگودا ئولتۇراقلاشقان بەزى كانادالىقلار ئۆزىنىڭ ناھايىتى بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ قولغا ئېلىنىشتىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، سوراپ باقسام، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇلارغا دەيدىغان سۆزى بارمۇ؟

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ئىزچىل تۈردە سىرت بىلەن بولغان ئالاقىگە نىسبەتەن ئاكتىپ ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ كەلدى. «بىز چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ، چەت ئەل پۇقرالىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، نورمال دوستانە باردى-كەلدى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، جۈملىدىن سودا-تىجارەت، ساياھەت، ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرسا ھېچقانداق مەسىلە يوق. پەقەت جۇڭگونىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا بويسۇنسىلا، ئەمەلىيەتتە ئەنسىرىگۈدەك ئىش يوق».

  لۇ كاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىخەتەرمۇ-ئەمەسمۇ، پاكىت بىلەن گەپ قىلىش كېرەك. 2018-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، كانادادىن جۇڭگوغا كەلگەنلەر سانى 780 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتتى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەر 10 مىڭ كانادالىقلار ئىچىدە 210 كىشى جۇڭگوغا كەلدى.

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: «راستىنى ئېيتقاندا، بۇ سان ئوخشاش مەزگىلدىكى كاناداغا بارغان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ سانىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى. يۇقىرىقى سان بەلكىم بىر تەرەپتىن مەسىلىنى چۈشەندۈرەلىشى مۇمكىن. جۇڭگو بىخەتەرمۇ- ئەمەسمۇ، كانادا پۇقرالىرىنىڭ كۆڭلىدە سان بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ دەپ قوياي، كانادا ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خاتا ھالدا مېڭ ۋەنجوۋ خانىمنى قاماپ قويغاندىن كېيىن، نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار كاناداغا ساياھەتكە بېرىشنىڭ بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكىنى دەڭسىمەكتە».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر