باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۇ مەنبەسى مۇھىتىنى تۈزەشتە 40 ئۆلكە، شەھەر ۋەزىپىنى تاماملىيالمىدى

2018.12.14 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 12-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكىنىڭ 276 ۋىلايەت، شەھىرىدىكى 1586 سۇ مەنبەسىگە چېتىشلىق 6251 مۇھىت مەسىلىسىدىن 6119ى تۈزىتىلىپ تاماملانغان، تاماملىنىش نىسبىتى %97.9 بولغان.

  ھازىر، شاڭخەي، نىڭشيا، خۇنەن، چىڭخەي، ئىچكى موڭغۇل، شىزاڭ، تيەنجىن، گەنسۇ، شەندۇڭ، سىچۈەن، فۇجيەن، خەينەن، چۇڭچىڭ، جىلىن، بېيجىڭ، خېيلۇڭجياڭدىن ئىبارەت 16 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) 2018-يىللىق سۇ مەنبەسى مۇھىتىنى تۈزەش مەسىلىسىنى تاماملىغان، قالغان 15 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)نىڭ ۋەزىپىنى تاماملاش نىسبىتىمۇ %90تىن ئېشىپ، تۈزەش خىزمىتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان.

  لېكىن، گۇاڭدۇڭنىڭ چىڭيۈەن، جياڭسۇنىڭ ياڭجۇ، جياڭشىنىڭ جيۇجياڭ قاتارلىق 40 ۋىلايەت، شەھەرگە چېتىلىدىغان 132 مەسىلە تېخى تۈزىتىلمىگەن. ھازىر، ئېشىپ قالغان مەسىلىلەر يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىش مەسىلىسىدىن 75ى، يول قاتناش مەسىلىسىدىن 18ى، سانائەت كارخانىلىرى مەسىلىسىدىن 14ى، قانۇنسىز بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى مەسىلىسىدىن 9ى ۋە باشقا مەسىلىلەردىن 16نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كۆپىنچىسى غاجاش تەس بولغان «قاتتىق سۆڭەك»لەركەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر