باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«يېڭى دەۋردە تېخىمۇ چوڭ مۆجىزىنى يارىتايلى» ناملىق باش ماقالە ئېلان قىلىندى

2018.12.18 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن نەشردىن چىققان خەلق گېزىتىدە، «يېڭى دەۋردە، يېڭى، تېخىمۇ چوڭ مۆجىزىنى يارىتايلى-ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز» دېگەن باش ماقالە ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: باھار گۈلدۈرمامىسى زېمىننى ئويغاتقاندەك، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ «يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب»-جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنياغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يەنىلا پارتىيەمىزنىڭ يېڭى تارىخىي مەزگىلدىكى روشەن بايرىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىش-يەنىلا مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى.

  باش ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلار ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش جەريانىدا ئىلگىرى سۈرۈشكە موھتاج» دەپ كۆرسەتتى. يېڭى شانلىق تارىخنى يېزىپ چىقىش-بۇ تارىخىي باسقۇچنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلىگەنلىك؛ يېڭى، تېخىمۇ چوڭ مۆجىزىنى يارىتىش-ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە بولغان ئەڭ زور ئېھتىرام.»


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر