باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم پۇل تۇتۇپ قېلىنىدۇ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ پۇل سېلىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئەسكەرتىلدى

2018.12.17 18:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇغۇرتىغا قاتناشقان كىشىلەر دىققەت، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2019-يىللىق شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى نورمال يىغىش مۇشۇ ئايدا ئاخىرلىشىدۇ. تېخى سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقان كىشىلەردىن بانكا ئارقىلىق سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدىغانلار تېزدىن داۋالاش سۇغۇرتا ھەققىنى بانكا ھەق تاپشۇرۇش كارتىسىغا تولۇقلاپ قويۇڭ. 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ يىللىق ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق تۈركۈملەپ پۇل تۇتۇشنى ئېلىپ بارىدۇ.

  يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا يىل بويىچە ھەق تاپشۇرۇلىدىغان بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھەققى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش ۋە ياكى مالىيەدىن تولۇقلاپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  2019-يىللىق شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى قۇرامىغا يەتكەن ئاھالىنىڭ يىلىغا 380 يۈەن، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە شۇنداقلا شەھەردىكى قۇرامىغا يەتكەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولغۇچىلار، مېيىپ خادىملارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ھەر يىلى 260 يۈەن؛ شەھەردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرىدىكى يېشىغا توشمىغان بالىلار، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، مېيىپ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ يىلدا 170 يۈەن بولىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى 10-ئايدىن باشلاپ بانكىدىن بەش قېتىم تۈركۈملەپ پۇل تۇتۇپ قالدى. بانكىنىڭ تۈركۈملەپ پۇل تۇتۇشى ئارقىلىق ھەق تاپشۇرۇشتىن باشقا، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار توردا ئۆزى مەشغۇلات قىلىپ ھەق تاپشۇرسا بولىدۇ، ھەر قايسى رايون (ناھىيە) دىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شۆبە ئىدارىسىنىڭ پۇكىيىدە پۇل تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ.

  توردا ئۆزى مەشغۇلات قىلىپ ھەق تاپشۇرغاندا ئۆزىنىڭ سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكىمۇ بولىدۇ. سودىگەر چاقىرىش بانكىسى ئۈندىدار يۇمشاق دېتالى «سودىگەر چاقىرىش بانكىسى ئىجتىمائىي كاپالەت “小招办社保”» ئارقىلىق توردا ئۆزى مەشغۇلات قىلىپ ھەق تاپشۇرۇشقا بولىدۇ؛ جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى، جۇڭگو بانكىسىنىڭ يان تېلېفون APPسى ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا ھەق تاپشۇرسا بولىدۇ.

  ئۇندىن باشقا، يەنە ھەر قايسى رايون ( ناھىيە ) دىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شۆبە ئىدارىسىغا بېرىپ، پۇكەيدە بانكا كارتىسى، ئۈندىدار، ھەق تۆلەش گۆھىرى بىلەن پۇل تۆلەشكىمۇ بولىدۇ.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 1 مىليون 20 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر، 710 مىڭ كىشى 2019-يىللىق شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ھەق تاپشۇرۇپ قاتناشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر