باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كاتوۋىتسې كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى يېپىلدى، پارىژ كېلىشىمىنى يولغا قويۇش تەپسىلاتى ماقۇللاندى

2018.12.17 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتى كاتوۋىتسې كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى يېپىلدى، گەرچە ئەسلىدىكى پىلاندىن بىر كۈن كېيىن ئاياغلاشقان بولسىمۇ، لېكىن يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر «پارىژ كېلىشىمى»نى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى سۆھبىتىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملىدى.

  يىغىندا بىر قاتار ئومۇميۈزلۈك، تەڭپۇڭ، سالمىقى بار نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش، ماسلىشىش، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئاشكارىلىق دەرىجىسى، يەرشارى ئىدىتلاش قاتارلىق چېتىلىدىغان مېخانىزم قائىدىسىگە ئاساسەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، ھەمدە كېيىنكى باسقۇچتىكى «پارىژ كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەرشارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەت سالمىقىنى كۈچەيتىشنى يەنىمۇ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى. يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئادىللىق، ئورتاق ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەت، ئۆز ئىقتىدارى پرىنسىپى نامايەن بولدى. يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى، كۆپ تەرەپلىكتە چىڭ تۇرۇپ، «پارىژ كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشتە ئاكتىپ سېگنال بېرىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىشىپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتتى. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىننىڭ ئىشلىرىغا ئىجابىي يوسۇندا پائال قاتنىشىپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا ئېرىشتى.

  بۇ قېتىمقى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ رەئىسى مىشال كارتۇكا كاتوۋىتسې كىلىمات يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر قاتار نەتىجىلەر 2020-يىلىدىن كېيىن «پارىژ كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەردى دېدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى ئېسپىنوسا مۇنداق دېدى: كۆپ تەرەپچىلىك مېخانىزمى بۇ قالتىس نەتىجىنى يارىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچسىنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش يول خەرىتىسى بىلەن تەمىنلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر