خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بېيجىڭدا ئۇدا ئىككى مەيدان مېھمان مۇسابىقىسىنى يېڭىلىش ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، سەنشى كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. مۇسابىقە باشلانغاندىن باشلاپ، مۇسابىقىنى كونترول قىلىش شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىلكىدە بولدى. پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىش، ياخشى بولغان مۇداپىئە ۋە ھەر بىر ماھىرنىڭ ياخشى بولغان ئىپادىسى ئارقىسىدا، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئۇدا غەلىبە قىلىش نەتىجىسىنى داۋاملىق ساقلىيالىدى.
مۇسابىقىدىن كېيىن، باش تىرېنېر ئادىلجان مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدىنقى مەيداندىكى مېھمان مەيدان مۇسابىقىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىسى مۇداپىئەدە بولۇۋاتىدۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن، بىز مۇداپىئەدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرگە قارىتا نۇقتىلىق مەشىق ئېلىپ باردۇق، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، كۆپچىلىك تەلەپنى ياخشى ئورۇندىدى. ئەڭ مۇھىمى كۆپچىلىكنىڭ روھىي ھالىتى ئەسلىگە قايتىپ كەلدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى 101 گە قارشى 114 نومۇر بىلەن غەلىبە قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى