باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چوڭ تىپتىكى سىياسىي مۇھاكىمە فىلىمى «مۇقەررەر يول» قويۇلغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2018.12.18 16:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەككىز قىسىملىق چوڭ تىپتىكى سىياسىي مۇھاكىمە فىلىمى «مۇقەررەر يول»نىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى قىسمى تۈنۈگۈن كەچتە كۆرسىتىلدى. بۇ فىلىمدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، تەسىرلىك ھېكايىلەر ئارقىلىق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا باسقان سەلتەنەتلىك داستانى بايان قىلىنغان بولۇپ، جەمئىيەتتە كەڭ دىققەتنى قوزغىدى.

  «مۇقەررەر يول» فىلىمىنىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى دۇنيا ئەھلىگە پەقەت جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭلا جۇڭخۇا مىللىتىنى قۇدرەت تاپقۇزالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شەندۇڭ يەنتەي شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ شىخۇڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش- دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ تەقدىرىنىلا ئۆزگەرتىپلا قالماستىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ تەقدىرىنىمۇ غايەت زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى.

  «مۇقەررەر يول»فىلىمىدە 40 يىلدىن بۇيانقى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، كىشىلەرگە ئەتراپىدا يۈز بەرگەن جۇڭگو مۆجىزىسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. جېڭجۇ شەھەر ئاھالىسى ليۇ لۇ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى تۇرمۇشىمىزغا مىسلىسىز قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، ئىلگىرى ماشىنىدا ئولتۇرۇش تەس ئىدى، سىرتلارغا ئوينىغىلى چىققاندا ۋۇگزال قاتارلىقلاردا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆچۈرەتتە تۇرۇپمۇ بېلەت ئالغىلى بولمايتتى، ھازىر مەيلى قايەرگىلا بارمايلى يانفون ئارقىلىقلا بېلەت سېتىۋالالايدىغان بولدۇق.

  نەڭچاڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى يوڭئەن ئوچاستىكىسىنىڭ خادىمى جياڭچېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز تۆمۈر يولنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن 40 يىلدىن بۇيان پۈتكۈل تۆمۈر يولنىڭ تەرەققىياتىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ناھايىتى روشەن ھىس قىلالايمىز، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ ھازىر دۇنيادا داڭقى بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر