باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش توردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئاچتى

2018.12.18 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تۈنۈگۈن بېيجىڭدا 2-قېتىملىق توردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كاپالىتى ۋە سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېز يوللانما كەسىپىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئىششتىن يۇقىرى سۈپەتلىك يېشىل تەرەققىياتقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  سىياسىي كېڭەشنىڭ 15 ئەزاسى مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئورگىنى ۋە بېيجىڭ، جياڭسۇ، فۇجيەن، سىچۈەن قاتارلىق بەش يىغىن مەيدانى شۇنداقلا يانفون ياكى كومپيۇتېر ئۇلانمىسى ئارقىلىق سۆز قىلدى. سىياسىي كېڭەشنىڭ 200دىن ئارتۇق ئەزاسى كۆچمە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش سۇپىسى ئارقىلىق بەس-بەستە پىكىر بەردى. ئەزالار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ تېز يوللانما كەسپىي ئۇچقاندەك راۋاجلاندى، كەسىپ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، مال ئوبوروت ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى قولايلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېز يوللانما كەسىپىدە تەرەققىيات ئۇسۇلى يىرىك، بايلىق سەرپىياتى يۇقىرى، مۇھىتنى بۇلغىشى ئېغىر بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۈنسېرى گەۋدىلىك بولۇپ، يۈكسەك دىققەت ئېتىبارنى قوزغىدى، بۇنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.

  ئەزالار مۇنداق تەكلىپلەرنى بەردى: تېز يوللانما كەسىپى ھەممە شەھەر، ھەممە كەسىپ، مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ئائىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك، تېز يوللانما كەسىپىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «تېز يەتكۈزۈش ۋاقىتلىق نىزامى» قاتارلىق قانۇن بەلگىلىمىلەرنى تېزدىن تۈزۈپ، يۈرۈشلۈك قائىدىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېز يوللانما كەسپىدىكى بۇلغىنىشنى تۈزۈم دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. يېشىل ماتېرىيال، يېشىل ئورالما، يېشىل گۇۋاھلىق بېرىش، يېشىل توشۇش ۋە يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۆلچەم سىستېمىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە، باج قاتارلىق سىياسەت جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈشنى زورايتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تېز يوللانما ئاممىۋى مۇلازىمەت پونكىتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز يوللانما ئىشكاپى، ئوراش-قاچىلاش يېغىۋېلىش پونكىتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېرمىنال مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توشۇشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» قېيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. تارماقلارنىڭ بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىشىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي جەمئىيەتلەرنىڭ نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «يېشىل تېز يەتكۈزۈشتە ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار» دېگەن ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر