باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«تېخىمۇ سەلتەنەتلىك مۇساپىگە قاراپ ئاتلىنايلى» دېگەن ماقالە ئېلان قىلىندى

2018.12.18 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن «تېخىمۇ سەلتەنەتلىك مۇساپىگە قاراپ ئاتلىنايلى-ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىغا ئېھتىرام» دېگەن مۇھىم ئوبزورچى ماقالىسىنى تارقاتتى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 40 يىللىق چوڭقۇر ئۆزگىرىش-جۇڭگو خەلقىنىڭ قىياپىتى، سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ قىياپىتى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قىياپىتىنى قايتىدىن ياراتتى. ھەر بىر ئادەم بۇ ئۇلۇغ ئىنقىلاب جەريانىدا ئۆزىنى بايقىدى. جۇڭگونىڭ بۈگۈنىنى جۇڭگولۇقلار ئىشلەش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈردى.

  ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەرەققىياتنىڭ چېكى يوق، ئىسلاھاتنىڭمۇ چېكى يوق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش-بىر مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى. 40 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئاچقان يۆنىلىشنى بويلاپ، تېخىمۇ سەلتەنەتلىك مۇساپىگە قاراپ يۈرۈش قىلىپ، ئىسلاھات ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ۋەتەننىڭ ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ياشنىتايلى!».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر