باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى نەزەرىيە تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلدى

2018.12.19 10:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 10- كۈنى، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى نەزەرىيە تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلدى ھەم 1- قېتىملىق ئەزالار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نەزەرىيە تەتقىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىش «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، مۇكەممەللىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنىڭ رېئال تەلىپى. شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى نەزەرىيە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى سۇپا ھازىرلاش بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىكى نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتى توغرىسىدا پائال ئىزدىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپاللىقى، سىستېمىلىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكىنى كۈچەيتىپ، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈندۇر.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق قۇرۇلتىيى نەزەرىيە تەتقىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىشتە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەش، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشنى زىچ چۆرىدەش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى زىچ چۆرىدەش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ نەزەرىيە تەتقىقات خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەشكە مەسلىھەت بېرىش ئاقىللار ئامبىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەشكە مەسلىھەت بېرىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، شەرھلەپ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش؛ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى، غايەت زور ئۈنۈمى، ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، شەرھلەپ، تۈزۈم ئىشەنچىنى يەنىمۇ چىڭىتىش؛ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، تاۋلاپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى تونۇش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە جاۋاب بېرىش جىددىي زۆرۈر بولۇۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرگە قارىتا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەدبىر بەلگىلەش تەكلىپى بېرىش، نىزام چىقىرىش، نازارەتچىلىك قىلىش، قارار چىقىرىش، ۋەكىللەر، تەيىنلەش- قالدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتى بېرىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر