باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2018- يىلى شىنجاڭدا 100 مىليون تۈپكە يېقىن مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىلدى

 2 مىليون 90 مىڭ مو ئېكولوگىيە ئورمىنى بىنا قىلىندى

2018.12.19 10:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 12- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جىخاۋ، گۇەن چياۋچياۋ). شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆكەرتىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2018- يىلى شىنجاڭ پۇقرالىرى مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىشكە جەمئىي 5 مىليون 20 مىڭ ئادەم قېتىم قاتنىشىپ، 92 مىليون 168 مىڭ 600 تۈپ كۆچەت تىككەن، شەھەرلەردىكى قۇرۇپ چىقىلغان رايونلارنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %39.64كە يەتكەن.

  شىنجاڭ ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مىرزابېك مۇقاشنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2018- يىلى شىنجاڭدا مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىشنىڭ نەتىجە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يېشىللىقنى كۆپەيتىش، يېشىللىقنى ئاسراش، يېشىللىقنى قوغداش كەيپىياتى كۈنسېرى قويۇقلاشقان ھەم ئۈرۈمچىدە «ئالاقە تورى+ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش» ئەندىزىسى ئالدى بىلەن نۇقتىدا سىناق قىلىنغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون پۇقرالىرىدىن مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىشكە جەمئىي 5 مىليون 20 مىڭ ئادەم قېتىم قاتنىشىپ، 92 مىليون 168 مىڭ 600 تۈپ كۆچەت تىككەن.

  ئورمانچىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە، 2018- يىلى، شىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش مەخسۇس ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كەلكۈن سۈيىنى باشلاپ 2 مىليون مو يەرنى سۇغاردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى جىلغىسىدىكى ئورمان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلدى، ئېبنۇر كۆلى قاتارلىق سۇلۇق يەرلەرنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قانات يايدۇرۇلدى ھەم ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى تايانچ قىلىپ، قاپلىنىش دەرىجىسى %3تىن تۆۋەن بولغان، ئورمان بىنا قىلىشقا باب كېلىدىغان يەرلەرنى دائىرىلەپ ئورمان بىنا قىلىش ئالغا سىلجىتىلدى.

  9- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 2 مىليون 90 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىش تاماملاندى، 2016- يىلى، 2017- يىلى تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش ۋەزىپىسى 1 مىليون 310 مىڭ مو، 800 مىڭ مو تاماملىنىپ، تاماملىنىش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %97، %88.9كە يەتتى، 5 مىليون 941 مىڭ 300 مو قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلەش تاماملاندى.

  شەھەرلەرنى باغ- ئورمانلاشتۇرۇپ كۆكەرتىش جەھەتتە، ھازىر شىنجاڭدىكى شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇپ پۈتكەن رايونلىرىنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %39.64كە، قۇرۇلۇپ پۈتكەن رايونلىرىنىڭ يېشىللىق نىسبىتى %36.3كە، شەھەرلەردىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان باغچە يېشىللىق كۆلىمى 12.52 كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، ئومۇمەن پۇختا قەدەم بىلەن ئېشىش ئىشقا ئاشتى.

  پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2018- يىلى، شىنجاڭ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت ئۆمىكى مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 34 ناھىيە- شەھەرگە ئاپتونوم رايوننىڭ 121 باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسىدىن تەشكىللەنگەن «مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت ئۆمىكى» ئەۋەتتى، باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا جەمئىي 380 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجراتتى، 11 مىڭ 714 مەيدان باغۋەنچىلىك تېخنىكىسى ئەمەلىي مەشىقى ئۆتكۈزدى، بۇ، 1 مىليون 128 مىڭ 200 ئادەم قېتىمنى قاپلىدى.

  2018- يىلى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئەۋزەل مېۋە- چېۋىلەر پىشىپ بازارغا سېلىنغان مەزگىلدە تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق جەمئىي 249 مىڭ 600 توننىلىق مېۋە- چېۋە سېتىش توختامى تۈزدى، ئىمزالانغان توختام سوممىسى 2 مىليارد 953 مىليون يۈەن بولدى. 11- ئايدا، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى گۇاڭجوۋ جۇڭگو ئىمپورت- ئېكسپورت سودا يەرمەنكىسى(گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى)دە ئۆتكۈزۈلدى، سودا پۈتۈشۈش سوممىسى جەمئىي 1 مىليارد 520 مىليون يۈەنگە يەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر