باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە: يېڭىچە كىتابخانا ئالقىشقا ئېرىشتى

  مۇخبىرىمىز جاڭ بېي

2018.12.19 10:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياسىغان تورتنى ئاتا- ئانامنىڭ تېتىپ بېقىشىغا سۇنىمەن.» 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئۈرۈمچى خاۋيۈەن ئېسىل بۇيۇملار دوستلۇق مودا مال سېتىۋېلىش شەھەرچىسىدىكى بەندې كىتابخانىسىدا، ئاتا- ئانىلار ۋە بالىلار پائالىيىتىگە قاتناشقان كىچىك دوست ۋاڭ شىنياۋ تورت ياساۋاتقانىدى. توغرا، كىتابخانىدا تورت ياسىغىلى بولىدۇ، بۇ ئاڭلىماققا بەك قىزىقارلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن يېڭىچە كىتابخانا ئۈرۈمچىدە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، يېپيېڭى تىجارەت ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنى جەلپ قىلدى.

  لايىھەدە بوشلۇق گۈزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش

  يورۇق، ئازادە چىراغ نۇرى، ئولتۇرغىلى، يۆلەنگىلى بولىدىغان سەرەمجان، كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر... 12- ئاينىڭ 4- كۈنى، مەن ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شىمالىي شىنخۇا يولىغا جايلاشقان ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ شەھەر كىتاب باغچىسىغا كىرىشىم بىلەن، ئۇنىڭ نەپىس، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مېنى مەپتۇن قىلىۋالدى، مەن بىرىنچى قەۋەتتىكى زالدىن ئۈستىگە چىقىپ، ئىككىنچى قەۋەتتىكى لىققىدە كىتاب تىزىلغان بىر قىسقىغىنا ئەگمە كارىدوردىن ئۆتكەندە، كۆز ئالدىم بىردىنلا يورۇپ كەتتى. ئاساسلىق تىجارەت رايونى كىتاب جازىسى بىلەن ئايرىلغان بولۇپ، يەنە كىتاب ئوقۇش، ئارام ئېلىش، ھېس قىلىش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان رايونلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، گەرچە كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ھەممىلا جاي لايىھەلەش تۇيغۇسى بېرەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ شەھەر كىتاب باغچىسى سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە بىر ئوقۇرمەن مۇنداق دەپ يازغانىدى: «بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ۋە كەيپىياتىنى ياخشى كۆرىمەن، بۇيەردە ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر خىل ھۇزۇر».

  كەسپىي زامانىۋى ئۆي ئىچى لايىھەسى ئارقىلىق كىتابخانىنى بوشلۇق جەھەتتە سەنئەتلىك تۇيغۇغا ئىگە قىلىش ئاساسەن بارلىق يېڭىچە كىتابخانىلارنىڭ ئىنتىلىشى. ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى دۇنيا مەيدانىدىكى زوبيەن يوۋبيەن كىتابخانىسى تىجارەت زالىنىڭ كۆلىمى 1000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سېھرىي كۈچى «چوڭ»لۇقىدا ئەمەس، ئۆزگىچە بوشلۇق لايىھەسى، ئۆزگىچىلىك مۇجەسسەملەشكەن بېزىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا قاراپ كىشىلەرنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ، كىتابخانىغا تىزىلغان 500 نەچچە تەشتەك ئۆسۈملۈكلا «سەنئەتخۇمار ياشلار»نى يان تېلېفونىدا توختىماي سۈرەتكە تارتىشقا ئۈندەيدۇ. «مەن زوبيەن يوۋبيەن كىتابخانىسىنى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۇپىسى، بىرىكمە تىپتىكى مەدەنىيەت گۈزەللىكى بوشلۇقى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمەن» دېدى زوبيەن يوۋبيەن كىتابخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، داڭلىق ماركا باش نازارەتچىسى ۋاڭ جۇڭ.

  مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇش

  بۇ يىل 8- ئاينىڭ 12- كۈنى، بەندې كىتابخانىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۈچىنچى كىتابخانىسى ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى ۋەندا مەيدانىدا تىجارەت باشلىدى. كىتابخانا تىجارىتى خىرىسقا ئۇچراۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە، بەندې كىتابخانىسى تۆت يىلدا كەينى- كەينىدىن ئۈچ كىتابخانا ئاچتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىتابخانىلارنىڭ ھەممىسى سودا مەركىزى ياكى شەھەر سودا چەمبىرىكىدە، يەنە كېلىپ تىجارىتى ئىنتايىن ياخشى. بەندې كىتابخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بەن ۋېنشياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «كىتابخانىنىڭ 1.0 نۇسخىسى پارچە سېتىش كەسپىگە تەۋە، 2.0 نۇسخىسى مۇلازىمەت كەسپىگە تەۋە، 3.0 نۇسخىسى بولسا سۇپا بىلەن تەمىنلەيدۇ. كىتابخانىنىڭ ئورنىنى بېكىتىشتە، خېرىدارلارغا بۇ يەردە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدىغان سۇپا ھازىرلاشنى مەقسەت قىلدۇق». مۇشۇنداق ئىدىيەنىڭ تۈرتكىسىدە، مەيلى داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئىمزالىق سېتىشى ياكى لېكسىيەسى بولسۇن، مەيلى ئاتا- ئانىلار بىلەن بالىلار پائالىيىتى ياكى كىتاب ئوقۇشتىن بەھرىلىنىش يىغىلىشى بولسۇن، بەندې كىتابخانىسى كۆپلەپ ئادەم جەلپ قىلدى، قەيەردە كىتابخانا ئاچسا شۇ يەردىكى تىجارىتىنىڭ جانلىنىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

  2- كىتابخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، زوبيەن يوۋبيەن كىتابخانىسىنىڭ يېڭى دۇنيا مەيدانىدىكى كىتابخانىسى ۋاڭ جۇڭنىڭ كىتابخانىغا بولغان ئەڭ دەسلەپكى «ياخشى كىتاب بولۇش، ياخشى نەرسە بولۇش، ياخشى مۇزىكا بولۇش» تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتتى. ھازىر، كىتابخانىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى رايونى، كۆرگەزمە رايونى، قەھۋەخانا، ئاتا- ئانىلار بىلەن بالىلار پائالىيەت رايونى، گۈل سەنئەت رايونى، سەھنىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ رايونىنىڭ ھەرقايسىسى ئوخشاش بولمىغان فۇنكسىيەنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ يىل تىجارەت باشلىغان مەزگىلدە، كىتابخانا مەدەنىيىتى باش تېمىسىدىكى ئېلان كۆرگەزمىسى، ئىجادىي كىتاب تىزىش كۆرگەزمىسى قاتارلىق خاس كۆرگەزمىلەر كىتابخانىدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. ۋاڭ جۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كۆرگەزمە ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرىگە ئىگە، كىتابخانىنىڭ خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش بىلەن بىللە، مۇنەۋۋەر، سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوستلارغا بەھرىلىنىش ۋە ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن». دەرۋەقە، بۇ كىتابخانا خېلى كۆپ مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى، نوپۇزلۇق زىيالىيلار ۋە قىزغىن كىتابخۇمار دوستلارنى بىر يەرگە جەم قىلدى.

  كىتاب ئوقۇش ئەسلىي مەقسىتىگە قايتىش

  «بۇ كىتابخانا ئەسلىدىنلا كىشىنى بەك جەلپ قىلىدۇ، كىتابخانىغا كىرىپ خالىغان كىتابنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ، ياقتۇرغىنىمنى سېتىۋالىمەن، مەن بىر نەچچە پارچە كىتابنى مۇشۇنداق سېتىۋالغان» دېدى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى شىمالىي ئازادلىق يولىدىكى بەندې كىتابخانىسىدىن كىتاب سېتىۋالغان «20- ئەسىرنىڭ 95- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» قىزچاق چېن شۈ مۇخبىرغا. كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ كىتاب سېتىۋېلىش سەۋەبى بەلكىم ئۇنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار مۇۋاپىق جايدا ياقتۇرىدىغان كىتابنى ئۇچرىتىپ قالسا، ئىختىيارسىز سېتىۋالىدۇ. تىجارەتچى بەن ۋېنشياڭ مۇنداق دېدى: «كىتابخانىدا كەيپىيات يارىتىش كۆپچىلىككە كىتابلارنى قايتا تونۇش، كىتابخانىنى قايتا تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن».

  مەيلى قانداق كىتابخانا بولسۇن، كىتابمۇ ۋە كىتاب ئوقۇشمۇ مۇھىم. زوبيەن يوۋبيەن كىتابخانىسىدا ۋاڭ جۇڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب تاللاش كوللېكتىپى بار، ئۇ كىتاب تاللاش ھالقىسىدا ئامال بار ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەيدۇ. «مەن ئىلگىرى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقان بالىلار كىتابلىرى بىلەن ئاز ئۇچراشقانلىقتىن، بۇ جەھەتتىكى كىتابلارنى تاللىغاندا مۇتەخەسسىسلەرنى ياردەمگە چاقىرىمەن» دېدى ۋاڭ جۇڭ. ھالبۇكى ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ شەھەر كىتاب باغچىسى قەرەللىك ھالدا كىتاب ئوقۇشتىن بەھرىلىنىش يىغىلىشى، «مەن كىتابخانىدىكى كىچىك ئۇستاز» ئاممىۋى مەنپەئەت پائالىيىتى، ئىنگلىزتىلى كۆزنىكى قاتارلىق كىتاب ئوقۇش مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. كىتابخانا بۇ يىل 4- ئايدا تىجارەت باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، مەدەنىيەت، كىتاب ئوقۇش باش تېمىلىق پائالىيىتىدىن 19 مەيدان ئۆتكۈزدى، 400گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

  ئۈرۈمچىدە يېڭىچە كىتابخانىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە تىجارەت ۋە كۆپ خىل شەكىلدىكى يۇغۇرۇلما ھالەتتە پەيدا بولۇشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، ئۇ بىر خىل ئۆزگىچە مەدەنىيەت قىزىقىشى ۋە قىممەت تونۇشىدىن تۇتاشقان «مەدەنىيەت ئېكولوگىيە سىستېمىسى»، بۇلار شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىستېمالى ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىغا بىرىكىش نۇقتىسى تېپىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۇنىۋېرسال، ئۆزگىچە مەدەنىيەت بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر