باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچۇمنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئادا قىلىپ، تىرىشىپ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ۋېي شۆجۈن

2017.09.15 14:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب − دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك ماقالىلەر توپلىمى»نى ئەستايىدىل ئوقۇدۇم، ماقالىلەردە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ھېسسىياتى تولۇق نامايان قىلىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ھەققانىيەت ساداسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن خۇيزۇ كادىر، شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تەلىپىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت خەلق بىلەن قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي ئاڭلىق كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولىمەن.

  بىرىنچىدىن، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق بويسۇنۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، سىياسىي مەيداندا ئېغىشماي چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پىرىنسىپال مەسىلىدە، باشتىن- ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمنى قەتئىي قىلىمەن. دۆلەت مەنپەئىتىگە دەخلى- تەرۇز قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ! بىز قەتئىي تەۋرەنمەي، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق كادىرلار ۋە ئامما بىلەن بىللە، ئىناق- خاتىرجەم شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، «بەشنى تونۇش»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن. «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش» بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق نىشانى. ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئېجىل- ئىناق، ئۆم ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيمەن، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»، «بەشنى تونۇش» ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىمەن، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىمەن، ئاممىنى يېتەكلەيمەن؛ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن؛ ھەر مىللەت ئامما بىلەن دوستلىشىشتا، قوشماقلىشىشتا باشلامچى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرىمەن؛ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش خىزمىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەستايىدىل، ئىنچىكە، تىرىشىپ ئىشلەش ئىستىلى بىلەن، دائىم ئاساسىي قاتلامنىڭ 1- سېپىگە، ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن دائىم پاراڭلىشىپ، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، ئەلنىڭ غېمىنى يەپ، ئەل قەلبىنى ئىللىتىپ، ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى كۆپرەك بىلىپ، موھتاج بولغاندا جانغا ئەسقاتىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات ئورتاقلىقى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىمەن؛ بارلىق كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان تونۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان تونۇشى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان تونۇشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرى ۋە سىڭىپ كىرىشىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، سىياسىي جەھەتتە باشتىن- ئاخىر سەگەك بولۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەيدانىمدىن قەتئىي تەۋرەنمەيمەن.

  ئۈچىنچىدىن، تەخىرسىزلىك ئېڭىم ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىمەن. غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر دۆلىتىمىزنى مۇنقەرز قىلىش نىيىتىدىن يانمىدى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ۋەتەننى پارچىلاش سۇيىقەستى ئۆزگەرمىدى. ئۇلار تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق دىنىي ئەقىدىلەرنى ھە دەپ بۇرمىلاپ، بىدئەت تەلىماتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن پايدىلىنىپ ئاممىنى زەھەرلەپ ۋە چىرىتىپ، مىللىي ماجىرا تۇغدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جەمئىيەتتە داۋالغۇش پەيدا قىلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما جەزمەن كاللىمىزنى باشتىن- ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى قەتئىي ياخشى ئېتىپ، تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىشى ۋە ئاممىنىڭ ئىشىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆز ئائىلىمىزنىڭ ئىشىدەك كۆرۈپ، ئەستايىدىل بېجىرىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىمىزنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئادا قىلىپ، خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەپ، تەشكىلنى خاتىرجەم، خەلقنى رازى قىلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر