باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش خىزمىتى سەككىز جەھەتتىن ياردەمگە ئېرىشىدۇ

2017.09.15 14:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ 2017- يىللىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 9- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش مەركىزى 2017- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە شىنجاڭنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش خىزمىتىگە سەككىز جەھەتتە ياردەم بېرىدىغانلىقى، ياردەم بېرىش دائىرىسى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش ساھەسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئۇقۇشىمچە، ياردەم بېرىش دائىرىسى شۈ جيەنگو- گاۋفۇ ئاكادېمىكلار خىزمەت پونكىتى قۇرۇش، تەجرىبىخانا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئېتىئولوگىيەسى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش تەتقىقاتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش پەن تەتقىقات تۈرىگە ئىلتىماس سۇنۇشىغا ياردەم بېرىش، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش تۈرىگە ئىلتىماس سۇنۇش؛ چېگرا ھالقىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇر ئالاقە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىش؛ ئاپتونوم رايونلۇق تاسادىپىي جامائەت ساغلاملىقى ۋەقەلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى قەشقەر، ئىلى شۆبە مەركىزىنى قۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، تاسادىپىي جامائەت ساغلاملىقى ۋەقەلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» جامائەت ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىغا بولغان كاپالەتنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش، جامائەت ساغلاملىقى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش، خادىملارنى تەربىيەلەش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىياتى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىنىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ 20 يىللىقى ئىكەن، بۇ 20 يىل جەريانىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ، زور يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئۆسۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش ئىشلىرىدىكى ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر