باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلايلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما شياۋتيەن

2017.09.15 14:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ تېررورلۇققا، سىڭدۈرمىچىلىككە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار رېئال، دائىملىق سىياسىي سىناققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، رېئاللىقتا قىسمەن پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك قارىشى ۋە سىياسىي ئېڭى ئاجىزلاپ، سىياسىي جەھەتتىكى سەگەكلىكى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە مەيدانى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەسى كەسكىن بولماي، يالغاندىن ساداقەتمەن بولۇۋېلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلدى. بەزىلىرى ئېغىزىدا دىنغا ئىشەنمەيمەن دېگىنى بىلەن، كۆڭلىدە ئىشەندى، قارىماققا «پانئىسلامىزم» ۋە «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىگە قارشى تۇرغىنى بىلەن، ئاستىرتىن ئۇنى قوللىدى؛ بەزىلىرى دۈشمەن كۈچلەر تارقاتقان شىنجاڭ تارىخىنى، پارتىيەنىڭ مىللەت- دىن سىياسىتىنى بۇرمىلايدىغان سەپسەتىلەرگە كۈچلۈك قارشى تۇرمىدى، توسمىدى، كۈرەش قىلمىدى، قارىسىغا ئەگىشىپ، ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتتى؛ بەزىلەر ئۆزىنى «مىللەت مەنپەئىتىنىڭ ۋاكالەتچىسى» دەپ ماختاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى توغرىسىدا غۇدۇراپ، پىلانلىق تۇغۇت، «قوش تىل» مائارىپى قاتارلىق سىياسەتلەرنى تولۇق ئىجرا قىلمىدى، ساختىپەزلىك قىلدى؛ بەزىلىرى ھەتتا پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تارقىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولدى.

  كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مەسىلىسى كەسكىن سىياسىي مەسىلە. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تۈپەيلى «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسى يوشۇرۇن تارقىلىپ، ئازراق پۇرسەت بولسىلا ئەۋج ئالدى، «ئۈچ خىل كۈچ»نى تولۇق يوقاتقىلى، يىلتىزىدىن قۇرۇتقىلى بولمايۋاتىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان «قارا قول»، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان «زەھەرلىك ئۆسمە». كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يوقىتىلمىسا توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرغىلى، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملىگىلى، مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش − پارتىيەمىزنى كۈچەيتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش جاسارىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، زەھەرنى تازىلاش سىياسىي ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ يولى. تەشكىلات تارمىقى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تارماق، تەشكىلات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كادىرلار چوقۇم بايرىقىنى روشەن قىلىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  بىرىنچىدىن، ئىدىيە جەھەتتىن پارتىيە قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سادىقلىق روھىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئىدىيە مەنبەسىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلساق، ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى شۇكى، ئۇلارنىڭ روھىدا كالىتسىي كەمچىل، ئۇلار غايە، ئېتىقادتا تەۋرەندى، دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى بۇرمىلاندى. مۇستەھكەم سىياسىي ئېتىقاد ئىلمىي نەزەرىيەنى سىستېمىلىق بىلىشنى ئاساس قىلىدۇ، ھەقىقەتكە بولغان تونۇش قانچە ئېنىق، قانچە چوڭقۇر بولسا، سىياسىي تونۇش تۇيغۇسى شۇنچە كۈچلۈك، سىياسىي ئېتىقاد شۇنچە مۇستەھكەم بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىدىن ئىبارەت ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ بۇ ئەڭ يېڭى نەزەرىيە نەتىجىسى ئارقىلىق قەلبنى ۋە روھنى قەتئىي بوشاشماي مۇجەسسەملەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش ئېتىقادىغا تۈرتكە بولۇپ، كۈچلۈك سىياسىي ئىرادىنى ساقلاش؛ «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىشنى كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى نىشانىنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرى بىلەن بىردەك قىلىدىغان، ئىدىيە، ھەرىكەت، ئىستىلىنى توغرىلايدىغان قىلىش؛ ئىجابىي يېتەكلەش بىلەن سەلبىي ئۆرنەكتىن ئىبرەت ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ تىپىك دېلولىرىدىن ساۋاق ئېلىپ، سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشقا، بايرىقىنى روشەن، مەيدانىنى مۇستەھكەم، سۆزى بىلەن ھەرىكىتىنى، ئىچى بىلەن تېشىنى بىردەك قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، سىياسىي ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەپ، قوشۇننىڭ پاكلىقىنى ساقلاش كېرەك. شىنجاڭدا كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت كادىرلارنى مەخسۇس باھالاش ۋە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى خىزمىتى باشلاندى، بۇ، قوشۇننى، تەشكىلنى پاكلاشتۇرىدىغان مۇھىم پۇرسەت. كەڭ تەشكىلات كادىرلىرى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە نوچىلارغا تېگىش روھى بىلەن تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇشى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشى، دىققەتنى «يەتتىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك»كە قارىتىشى، باھالاش نەتىجىسىنى تەدبىقلاشنى كۈچەيتىشى، بىر تۈركۈم ئىلغار كادىرلارنى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنى ھەقىقىي تۈردە بايقىشى ۋە ئۆستۈرۈشى، بىر تۈركۈم «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۇلار نىقابلىنىشقا ماھىر، بۇ، تەشكىلات كادىرلىرىنىڭ كىشىلەرنى دەل جايىدا تونۇش ئىقتىدارىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. بىز ئادەم تاللاش- ئىشلىتىش ئۆلچىمىدە قاتتىق بولۇشىمىز، «20 خەتلىك» ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايوندىكى كادىرلارنىڭ «ئۈچ ئالاھىدە» سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، پارتىيەۋىلىككە، ئەخلاققا، ئەمەلىي نەتىجىگە، ئاساسىي قاتلامغا، بىردەك ئېتىراپ قىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز، ئېنىق بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇشىمىز؛ دەل جايىدا كۆزىتىش، دەل جايىدا باھالاشنى چىڭ تۇتۇپ، كادىرلارنى كۆرسىتىش، باھالاشنى ياخشىلاپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتا مەركەزلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈش، تەيىنلەشتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، تەكشۈرۈشنى ئۇزارتىش، كۆپ تەرەپلىمە سېلىشتۇرۇش، دەل جايىدا ھۆكۈم چىقىرىش قاتارلىق مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنى كۆپ تەرەپتىن، كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپتىن ئىستېرېئولۇق تەكشۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە توسۇپ قېلىشىمىز؛ كادىرلارنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، سەمىگە سېلىش، ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش، شەخسلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش، سىردىشىش، سۆزلىشىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، كادىرلارنىڭ ئىدىيەسى، خىزمىتى، ئىستىلى، تۇرمۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىمىز، مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىز، سەۋەنلىكنى تۈزىتىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، پارتىيە ئىچىدىكى تۇرمۇشتا ئەستايىدىل بولۇپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى تۇرمۇشتا ئەستايىدىل بولۇش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈپ، ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت. پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە ئىچىدىكى قاتتىق سىياسىي تۇرمۇشتا كېسىلىنى داۋالاپ ئۆزىنى كۈچەيتىدىغان قىلىش؛ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈپ، «پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى ياچېيكىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش» تىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»نى، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ۋە تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنى، پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاشنى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قوش تەشكىلىي تۇرمۇش تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ياچېيكا ئاساسىي تېما قىلىنغان پارتىيە كۈنى ۋە «5+X» پىلانىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي خىزمەتتىن باشلاپ تۇتۇپ، ئاساسىي تۈزۈمدىن باشلاپ چىڭىتىش؛ تەنقىد ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىدتىن ئىبارەت ئۆتكۈر قورالدىن پايدىلىنىپ، پارتىيەلىك كادىرلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى يۈرەكلىك ھالدا تەنقىدلەپ، ۋاقتىدا تۈزىتىپ، بالدۇر، كىچىكىدىن تۇتۇپ، بىخ ھالىتىدە يوقىتىش؛ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا سادىق، ئاق كۆڭۈل بولۇش، ئاشكارا بولۇش، ئادىل، دۇرۇس بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، پاك- دىيانەتلىك بولۇش قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياخشى بولغان سىياسىي مەدەنىيەت تەربىيەسى، دۇرۇس بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر