باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭ ئۆمىكى بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ سوممىلىق تۈر كېلىشىمى ئىمزالىدى

2017.09.14 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 12- كۈنى، 12- نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى كۆرگەزمىسى «مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى» بېيجىڭ خەلقئارا مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ شىنلەنشىن يۈەندىياۋ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى مەسۋېي پەن-تېخنىكا (شېنجېن) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن 20 مىليون يۈەنلىك يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە سېتىش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاشتى.

  ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، بۇ تۈردە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئاۋازلىق تەرجىمە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ خىل تېخنىكا ئارقىلىق دەرھال تەرجىمە ئالماشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. بۇ، مۇشۇ نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭ ئۆمىكىنىڭ بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ سوممىلىق كېلىشىم ئىمزالىشى ھېسابلىنىدىكەن.

  شىنجاڭ شىنلەنشىن يۈەندىياۋ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ فاڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخ بايلىقلىرى مول، لېكىن، ئۇلارنى ئېچىشتا ئىلغار پەن-تېخنىكىنى ۋە يېڭىچە ئۇسۇلنى قوللىنىش كەمچىل ئىدى، بۈگۈن ئىمزالىغان بۇ تۈرلەر بولسا، مەدەنىيەت بىلەن پەن-تېخنىكا ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈلگەن، ھەمدە شېنجېندىكى بۇ پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىلغان. بۇنىڭدىن مەقسەت، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ قولايلىق، مەزمۇنىنى تېخىمۇ مول قىلىش ئۈچۈندۇر.

  مەسۋېي پەن-تېخنىكا (شېنجېن) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن شەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى تەرجىمە موتورى ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى مودېلىنى مول ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتنىڭ كۆزلىگەن ئۈنۈمنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى مەدەنىيەت كەسپى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى غىنىجان قېيۇم مۇنداق دېدى: بۇ، شىنجاڭنىڭ 6- قېتىم ئۆمەك تەشكىللەپ بېيجىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۆمەك ئۇدا ئالتە نۆۋەت قاتناشقاندىن بۇيان، ئۇنىڭ شىنجاڭ ۋە قېرىنداش ئۆلكە ۋە رايونلاردا مەقسەتلىك ھالدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلغان سوممىسى يىلمۇ يىل تەدرىجىي ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنىدىكى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، بېيجىڭ، شىنجاڭ ۋە ئەنخۇي قاتارلىق جايلار ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن 22 خىل مەدەنىيەت ئىجادىيەت ھەمكارلىق تۈرلىرى ئۈستىدە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاشقان. كېلىشىم ئىمزالاشنىڭ سوممىسى 15 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر