باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي سوت مەھكىمىسى: پۇقرالارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىي دەۋا قىلىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2017.09.15 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي سوت مەھكىمىسى يېقىندا «ئالاقىدارلارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىي دەۋا قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى يەنىمۇ قوغداش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىي دەۋا قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قوغداپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئالاقىدارلارنىڭ دەۋا تەلىپىنى مۇۋاپىق ئىپادىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەمۇرىي تالاش-تارتىشنىڭ ماھىيەتلىك ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانۇندا سىرتىدا، دېلو قىيىن-مۇرەككەپ ئىكەن، تارماقلار مەنپەئەتىنى كۆزلەش، يىل ئاخىرىدىكى دېلو ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىش دېگەنگە ئوخشاش باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، دەۋانى قوبۇل قىلماسلىق ياكى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن يازما ئىسپات چىقىرىپ بەرمەسلىك مەنئى قىلىنىدۇ. ئالاقىدارلارنىڭ دەۋا قىلىش ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان «يەرلىك سىياسەت»نى قەتئىي تۈگىتىپ، دېلو تۇرغۇزغاندا ھەددىدىن زىيادە تەكشۈرۈشتىن ساقلىنىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئالاقىدارلارنىڭ دەۋا قىلىش ئاساسىنىڭ تولۇق بولۇش-بولماسلىقى، پاكىتىنىڭ ئېنىق بولۇش-بولماسلىقى، دەلىل-ئىسپاتىنىڭ تولۇق بولۇش-بولماسلىقى، قانۇنىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئېنىق بولۇش-بولماسلىقى قاتارلىقلارنى دېلو تورغۇزۇش شەرتى قىلىۋالماسلىقى، نەق مەيداندا دېلو تۇرغۇزۇشنى قارار قىلغىلى بولمىسا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 7 كۈن ئىچىدە دېلو تۇرغۇزۇش-تۇرغۇزماسلىقنى قارار قىلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئالدىن قايتا قاراپ چىقىشقا تەۋە بولمىغان دېلولار جەھەتتە، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدارلارنىڭ دەۋا قىلىشىغا مەمۇرىي ئورگان قايتا قاراپ چىقمىغان دېگەننى باھانە قىلىپ دېلو تۇرغۇزماسلىقىغا ياكى دەۋا ماتېرىيالىنى قوبۇل قىلماسلىقىغا يول قويۇلمايدۇ. ئالاقىدارلارنىڭ دەۋا قىلىشى دەۋا قىلىش مۆھلىتىدىن ئېشىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، ھەقىقەتەن تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئىشلار سەۋەبىدىن ياكى ئالاقىدارلاردىن كۆرگىلى بولمايدىغان سەۋەبتىن دەۋا قىلىش مۇددىتىگە دەخلى يەتكەنلىرىدە، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا قىلىش مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كەتكەن دېگەننى باھانە قىلىپ دېلو تۇرغۇزماسلىقىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر