باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئېغىر ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممەمگە ئالىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر بەختىيار داۋۇت

2017.09.15 14:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان 90 نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز مىليونلىغان پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولغانلىقىدىن، ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلىشتەك قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولدى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى.

  مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇر كادىر، مەن ئىزچىل ھالدا پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتا جەزمەن ئومۇميۈزلۈك، كونكرېت، قەتئىي بولۇش، چوقۇم سۆزى بىلەن ھەرىكىتى، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇش، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا پارتىيە بايرىقىنى بايراق، پارتىيە يۆنىلىشىنى يۆنىلىش، پارتىيە ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىش كېرەك، دەپ قاراپ كەلدىم.

  نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن بولماقتا، «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ھالەتتە ھېلىھەم ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. لېكىن كادىرلار قوشۇنىمىزدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە تۇتقان پوزىتسىيەسى، تونۇشى مۈجمەل، ھەرىكىتى ئاستا بولۇۋاتىدۇ، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»كە ھېسداشلىق قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا ئۇلارنى قوللاپ، ئۇلارغا يول قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە قاتنىشىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى ھەقىقىي تەربىيەلىمىگەن، ئېتىقادىنى ھەقىقىي تۇرغۇزمىغان، ئىچى بىلەن تېشىنى بىردەك قىلمىغان، يۇقىرىنى ئالداپ، تۆۋەندىن يوشۇرغان، دېگىنى بىلەن قىلغىنى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا ئېغىر زىيان يەتتى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئېغىر تەسىر يەتتى. مەن ھۆكۈمەت خادىمى، بولۇپمۇ كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن.

  بىرىنچىدىن، سىياسىي مەيدانىمىزنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ھەرۋاقىت ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. بىز ھۆكۈمەت خادىملىرى، بولۇپمۇ كومپارتىيە ئەزالىرى ھەرقانداق ۋاقىتتا ماركسىزملىق مەيدانىمىزنى، قارىشىمىزنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كاللىمىزنى ھەرۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىيدا سەزگۈر، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئۆزىمىزنىڭ ماركسىزملىق مەيدانىمىز، قارىشىمىزنى دادىل ئېنىق بىلدۈرۈپ، «پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىش، دائىم پوزىتسىيە بىلدۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، تەرەققىيات ئاساسىنى تىرىشىپ پۇختىلىشىمىز كېرەك. مىللەتلەرنىڭ پەرقىگە ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى سىغدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈشى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشى، ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتۈشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىشىمىز، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز شەكىللەندۈرۈشىمىز ۋە زورايتىشىمىز كېرەك. ھەر بىرىمىز شىنجاڭنى ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چىقىش قىلىپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئىش ۋە ئەمەلىي ئىشلارنى باشلامچىلىق بىلەن قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز- ھەرىكەتلەرنى باشلامچىلىق بىلەن توسۇپ، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ۋە مۇستەھكەملەيدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، مەۋقەنى ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئېغىر ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرق ئېتىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز خىزمىتىمىزنى ئاڭلىق ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچىمىزنى ھەر ۋاقىت ئەستە مەھكەم ساقلاپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر «بىرىكمە مۇشت»تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئىزچىل يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، كاللىمىزنى ئىلمىي قوراللاندۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى قەتئىي تۈگىتىشىمىز كېرەك. ھازىر بەزى كىشىلەر دىننىڭ ماھىيىتىنى توغرا تونۇپ يېتەلمىدى، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى ماركسىزملىق مەيداندا تۇرۇپ تونۇمىغانلىقى ۋە تەھلىل قىلمىغانلىقىدا. بىز ماركسىزمنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز ھەم ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئۆگىنىپ، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تۈپتىن چۈشىنىپ ۋە ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە پۇختا نەزەرىيە ئاساسى سېلىشىمىز؛ پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ياخشى ئىجرا قىلىپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز، بولۇپمۇ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى قەتئىي تازىلىشىمىز كېرەك. مەن چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «كومپارتىيە ئەزالىرى قەتئىي ماركسىزملىق ئاتېئىزمچىلاردىن بولۇشى، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق بويسۇنۇشى، غايە، ئېتىقادىنى چىڭىتىشى، پارتىيەنىڭ مەقسىتىنى ئەستە مەھكەم ساقلىشى، ھەرگىزمۇ دىندىن ئۆزىنىڭ قىممىتى ۋە ئېتىقادىنى ئىزدىمەسلىكى كېرەك» دېگەن يوليورۇقىنى ئىزچىل ئەستە مەھكەم ساقلاپ، غايە، ئېتىقادتىكى «باش ۋىكليۇچاتېل»نى ياخشى ئىگىلەپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر