باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

8-ئايلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتتىن خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىگەنلىكى، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلانغانلىقى مەلۇم بولدى

2017.09.15 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 14- سېنتەبىر ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 8-ئايلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خەلق ئىگىلىكى مۇقىملىق ئاساسىدا داۋاملىق ئىلگىرىلىگەن، مۇقىملىق ئاساسىدا داۋاملىق ياخشىلانغان، بۇنىڭ بىلەن تەكشى ئېشىش، قۇرۇلما سەرخىللىشىش، سۈپەت ئۆسۈشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

  ئېشىش تەكشى بولغان. ئالدىنقى 8 ئايدا، كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت تېزلەشكەن؛ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت تېزلەشكەن.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، شەھەر-بازارلاردا يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشى 9 مىليون 740 مىڭ كۆپەيگەن بولۇپ، ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 260 مىڭ كىشى كۆپەيگەن.

  مال باھاسى مۇۋاپىق بولغان. 8-ئايدا، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.8 ئاشقان بولۇپ، ئېشىش سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.4 ئاشقان.

  قۇرۇلما سەرخىللاشقان. 8-ئايدا، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.8 پىرسەنت پوئېنت تېزلەشكەن؛ جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت تېزلەشكەن.

  سۈپەت ئۆسكەن. 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئېشىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن سەل تېزلەشكەن، مالىيە كىرىمى جەھەتتە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى بىرقەدەر ياخشى ئېشىش سۈرئىتى ساقلانغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر