- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يولۋاس باتۇر
2017.09.14 16:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
شىنجاڭ ئەزەلدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىغان بولسا، شىنجاڭدا تارىخىي خاراكتېرلىك مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەر بولمىغان بولاتتى، بىز ئۇيغۇرلارمۇ بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشەلمىگەن بولاتتۇق. تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتتا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلق بۈگۈنكىدەك ئىناق، باياشات، بەختىيار، تىنچ- خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈپ باقمىغان. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر قاتار ئالاھىدە يۆلەش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ، شىنجاڭ زېمىنىدا كەڭ ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. بىز ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداش شۇنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەككى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىلا بىز گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز، بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، باش شۇجىنىڭ بىزدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى ياخشى قوغداپ، ئىناق- ئىتتىپاق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز؛ بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلار بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى مەڭگۈ قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، پارتىيە ئىشىلىرى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
بىرىنچى، پارتىيەگە سادىق نەمۇنىچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى ھاياتىمىز دەپ بىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىنتىزام ئېڭىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بىمەنە خىياللارنى قىلماي، قالايمىقان ئىش قىلماي، سىياسىيدا ئاقىل ئادەم بولۇشىمىز كېرەك. پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنى ھەر ۋاقىت يادىمدا چىڭ ساقلايمەنكى: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز، شۇنداقلا ھەر بىر پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى، ھەر ۋاقىت پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز، پارتىيەنىڭ ھاجىتى چۈشكەندە كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىشىمىز، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندەك ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيەنى، ۋەتەننى، ھەر مىللەت خەلقنى سۆيۈشىمىز؛ پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئالاھىدە رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئاممىسىغا ياخشى تەشۋىق قىلىشىمىز، ئاممىنى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتىن ئىبارەت مۇھىم پىرىنسىپال مەسىلىدە ئىزچىل بايرىقىنى روشەن قىلىپ، مەيدانىنى مۇستەھكەم، تونۇشىنى بىردەك، پوزىتسىيەسىنى قەتئىي قىلىپ، پارتىيەگە بولغان مۇتلەق سادىقلىقتىن ئىبارەت سىياسىي ئەخلاقىنى نامايان قىلىشقا يېتەكلىشىمىز ۋە تەربىيەلىشىمىز كېرەك.
ئىككىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئامالنىڭ بارىچە مىللىي قارشىلىق پەيدا قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتۈشى ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن سىياسىي مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. ھەر مىللەت ئامما ۋە كادىرلار زىچ ئىتتىپاقلاشقاندىلا «ئۈچ خىل كۈچ» كىرگۈدەك يوچۇق تاپالمايدۇ. بىز كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، قوغدىغۇچى، مۇھاپىزەت قىلغۇچى بولۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ تارىخى ۋە مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى، دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى ئۆگىنىپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «بەشنى تونۇش»نى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسىلىق تەۋەلىك تۇيغۇسىنى، غۇرۇر تۇيغۇسىنى، شان- شەرەپ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ئائىلىسىنى قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.
ئۈچىنچى، باش نىشانغا يېتىش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا يېتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارغا تاپشۇرغان ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پەيتنى پەملەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئېتىپ، خەلق قەلبىگە ئۇيغۇنلاشتى. بىز باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»نى يوقاتمىساق، دۆلەت تىنچ بولمايدۇ؛ زوراۋان- تېررورچىلارنى يوقاتمىساق، خەلق خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ. بىز قۇدرەتلىك كۈچىمىز ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم قورغىنى ۋە پولات سېپىلىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك.
تۆتىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەربىر پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىردىن ئۆگىنىش بىلەن تەپەككۇر قىلىشنى، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى، بىلىش بىلەن قىلىشنى يۈكسەك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى خىزمەتتە، خىزمەت ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، ھەرىكەتتە نامايان قىلىشنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، زىممىسىگە ئېلىپ، قولىدا چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز غايە- ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بېرىش، پارتىيەگە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدىيە ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا غايە- ئېتىقادنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسىنى يەردە قويماسلىقىمىز؛ پولاتتەك ئىشەنچ، پولاتتەك ئېتىقاد، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق ئىناق- ئىتتىپاق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بارلىق ئەقىل- پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى سەرپ قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر