باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە بىر ئادەم ئۆلۈپ، ئۈچ ئادەم يارىلاندى

2017.09.14 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە 13- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى، ۋەقەدە بىر ئادەم ئۆلۈپ، ئۈچ ئادەم يارىلاندى، بىر جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشتى.

  ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا يۈز بەرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەن جاي فرېمان ئوتتۇرا مەكتىپى بولۇپ، ئۇ مەكتەپ ۋاشىنگتون ئىشتاتىنىڭ ئىسپوكان ناھىيەسى روكفورد بازىرىغا جايلاشقان. ئىسپوكان ناھىيەلىك ئامانلىق ساقلاش ئەمەلدارى ئىشخانىسىدا Twitter ئالاقە تورىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ، بىر ئادەم قولغا ئېلىنغانلىقىنى دېگەن.

  ساقچى تەرەپ گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېلان قىلمىدى. ۋاشنگتون ئىشتاتىنىڭ بىر نەچچە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، جىنايەت گۇماندارى ئەر بولۇپ، ئۇ فرېمان ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن .

  شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت پەقەت ئۈچ نەپەر يارىلانغۇچىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ھاياتلىق بەلگىلىرىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنىلا تىلغا ئالغان، ئەمما، ئۆلگەنلەر ۋە يارىدارلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يېشى ۋە سالاھىيىتىنى ئېلان قىلمىغان.

  روكفورد بازىرى ۋاشىنگتون ئىشتاتىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاشنگتون ئىشتاتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى سىئاتېل بىلەن بولغان ئارىلىقى 450 كىلومېتىر كېلىدۇ، 500 نەپەر ئاھالىسى بار. فرېمان ئوتتۇرا مەكتىپىدە 300دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، ھەمدە يەرلىك ۋە يېقىن ئەتراپتىكى شەھەر-بازارلاردىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن 20 كىشى بار ئىكەن. شۇ ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىسپوكان ناھىيەلىك ئامانلىق ساقلاش ئەمەلدارىنىڭ ئىشخانىسى ئاتا-ئانىلارغا ئەسكەرتىش بېرىپ، ئۇلار مەكتەپكە باللىرىنى ئالغىلى كەلگەندە چوقۇم سالاھىيەت ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر