باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەنلەر تېخنىكا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ

دەسلەپكى دەرىجىلىك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەنلەر 1000 يۈەن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەنلەر 1500 يۈەن، ئالىي دەرىجىلىك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەنلەر 2000 يۈەن ياردەم پۇلى ئالىدۇ

2017.09.15 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كارخانا سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئەگەر بۇ يىل ئىچىدە كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن بولسا، ھازىر، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئىلتىماس سۇنۇپ، 1000 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان تېخنىكا ئۆستۈرۈش ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلەرنىڭ ياردەم پۇلى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ياكى بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بېرىلىدۇ.

  9- ئاينىڭ 13- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قانۇن بويىچە قاتناشقان، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنى 36 ئاي (36 ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئارتۇق تاپشۇرغان كارخانا سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر، 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ دەسلەپكى دەرىجىلىك (5- دەرىجىلىك)، ئوتتۇرا دەرىجىلىك (4- دەرىجىلىك) ۋە ئالىي دەرىجىلىك (3- دەرىجىلىك) كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەنلەر، تېخنىكا ئۆستۈرۈش ياردەم پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

  دەسلەپكى دەرىجىلىك (5- دەرىجىلىك) كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە 1000 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك (4- دەرىجىلىك) كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە 1500 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ ئالىي دەرىجىلىك (3- دەرىجىلىك) كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە 2000 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر، گۇۋاھنامە تارقىتىلغان كۈنىدىن باشلاپ 12 ئاي ئىچىدە كەسپىي تېخنىكا ئۆستۈرۈش ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئوخشاش بىر كەسىپ (ئىش تۈرى) ۋە ئوخشاش بىر دەرىجە تېخنىكا ئۆستۈرۈش ياردەم پۇلىغا پەقەت بىر قېتىم ئىلتىماس قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن بىر قېتىم بەھرىمەن بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر