باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى چەتئەل مەبلىغىنى تەكشۈرۈش رامكىسى ئورنىتىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى

2017.09.14 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جونكېر تۈنۈگۈن فىرانسىيەنىڭ ستىراسبۇرگتا ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتلىمىدا چەتئەل مەبلىغىنى تەكشۈرۈش رامكىسى ئورنىتىپ، ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىنى قوغداش ھەققىدە تەكلىپ بەردى.

  جونكېر شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا 2017-يىللىق دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ساددا ئەركىن سودىلاشقۇچى ئەمەس، ئۇ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتنىڭ قوغدىغۇچى بولۇشى كېرەك، شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ياۋروپا ئىتتىپاقى رامكىسى ئاستىدا رامكا ئورنىتىش ئارقىلىق چەتئەل مەبلىغىنى تەكشۈرۈش تەكلىپى بەردى.

  ئۇقۇشىمىزچە، ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 13 دۆلەتتە سېتىۋېلىش ۋە باشقا مەبلەغلەرگە مەسئۇل رەسمىي مېخانىزم تەسىس قىلىنغان. ياۋروپادىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چەتئەل مەبلىغىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مەسىلىدە گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيە قوشۇلۇش مەيدانىدا بولغان، بىراق زور كۆپ ساندىكى ياۋروپا دۆلەتلىرى چەتئەل مەبلىغىگە چەك قويۇشقا قارشى پىكىردە بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر