باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 32- ،33- تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خەتلىرىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى

2017.09.14 16:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 20 گىچە ئاپتونوم رايونىمىزغا 32- تۈركۈمدە 100 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭدىن ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 78 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 22 پارچە ئىكەن. 9- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 1گىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 33- تۈركۈمدە 77 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭدىن ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 63 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 13 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى بىر پارچە ئىكەن.

  32- تۈركۈمدە ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 78 پارچە ئەرزىيەت خېتى ھەم 33- تۈركۈمدە ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 64 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ ھەممىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 9- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 22 ۋە 9- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 2 گىچە تەرتىپ بويىچە ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

  رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 32- تۈركۈمدە ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 78 پارچە ئەرزىيەت خېتىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى 35 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %44.9ىنى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 12 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %15.4ىنى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى ئون پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %12.8ىنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى بەش پارچىدىن، قەشقەر ۋىلايىتىگە چېتىلىدىغىنى تۆت پارچە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى ئۈچ پارچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە چېتىلىدىغىنى ئىككى پارچە، خوتەن ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىگە چېتىلىدىغىنى بىر پارچىدىن ئىكەن. بۇلغىنىش تۈرىدىن قارىغاندا، شاۋقۇن، ئاتموسفېرا، بۇسقا چېتىلىدىغىنى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا مۇھىت مەسىلىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %27.7، %21.8، %17.8ىنى ئىگىلىگەن؛ چاڭ- توزان، قاتتىق تاشلاندۇق، سۇ، ئېكولوگىيەنىڭ بۇلغىنىشى ۋە باشقا تۈردىكى بۇلغىنىش مەسىلىلىرى 2- ئورۇندا بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئومۇمىي ساننىڭ %13.9، 9.9%، 6.9%، 1.0% ۋە %1.0ىنى ئىگىلىگەن.

  رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 33- تۈركۈمدە ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 64 پارچە ئەرزىيەت خېتىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى 22 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %34.4ىنى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى توققۇز پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %14.1ىنى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى يەتتە پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %10.9ىنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى بەش پارچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە چېتىلىدىغىنى تۆت پارچە، قومۇل شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىگە چېتىلىدىغىنى ئۈچ پارچىدىن، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە چېتىلىدىغىنى ئىككى پارچىدىن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى ۋە قاراماي شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى بىر پارچىدىن ئىكەن. يەنە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن بىڭتۈەن 7- شىسىنىڭ بىرلىكتە بېجىرىشىگە چېتىلىدىغان كۈيتۈن شەھىرى تيەنبېي يېڭى رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى ۋە كۈيتۈن ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ سۇ بۇلغىنىشى ئىنكاس قىلىنغان بىر پارچە ئەرزىيەت خېتى بار ئىكەن. بۇلغىنىش تۈرىدىن قارىغاندا، شاۋقۇن، ئاتموسفېرا، چاڭ- توزانغا چېتىلىدىغىنى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا مۇھىت مەسىلىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %20.9، %16.2، %15.1ىنى ئىگىلىگەن؛ بۇس، قاتتىق تاشلاندۇق، سۇ، ئېكولوگىيەنىڭ بۇلغىنىشى ۋە باشقا تۈردىكى بۇلغىنىش مەسىلىلىرى 2- ئورۇندا بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئومۇمىي ساننىڭ %12.8، %11.6، 9.3%، 8.1% ۋە %5.8ىنى ئىگىلىگەن.

  مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى 9- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 1گىچە ئاپتونوم رايونىمىزغا 33 تۈركۈمدە جەمئىي 2809 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بۇنىڭدىن ئاپتونوم رايونغا چېتىلىدىغىنى 2236 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە چېتىلىدىغىنى 546 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى 27 پارچە ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر