باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش

ئۆرۈك دەرياسىدىن سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 200 مىڭ ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى

2017.09.14 16:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تۇرمۇشى ئەلرايىغا مۇناسىۋەتلىك، خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن ئەلا. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئىشنى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ تەخىرسىز، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىدىن باشلاپ، توققۇز چوڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ،23 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

  شەھەر- يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزىلاردا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويۇش، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، ھەقسىز بەھرىمەن بولىدىغان ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ۋە كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى... بۈگۈنكى شىنجاڭ زېمىنىدا، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئېشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ ئىناق، تېخىمۇ گۈزەل بولماقتا.

  گېزىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەريانىدىكى ئىللىقلىققا تولغان يېڭى مەنزىرىلەرنى نامايان قىلىدۇ.

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ليۇ ۋېي، ۋۇ دەن خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئاتۇش شەھىرى كاتتايلاق يېزىسى تېجەن كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەمەت تۇرغۇن جۈمەكنى ئېچىپ، بىر ئىستاكان سۇ ئېلىپ غۇرتۇلدىتىپ ئىچىۋەتتى. ئۇ: ھازىر تۇرۇبا سۈيىمىزنىڭ سۈپىتى ھەقىقەتەن ياخشى، جۈمەكنى ئېچىپلا بىۋاسىتە ئىچكىلى بولىدۇ، دېدى. ئۆرۈك دەرياسىدىن سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى يېقىندا پۈتۈپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، كاتتايلاق يېزىسى بۇنىڭدىن نەپ ئالغان يېزا- بازارلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، سۇ ئىچىش، سۇ ئىشلىتىش تەس بولۇش، سۇ سۈپىتى ناچار بولۇش، ئېكولوگىيەلىك كۆكەرتىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا سۇ قىس بولۇش، سۇ بايلىقى بىلەن تەمىنلەش يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئاتۇش شەھىرىدىكى شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ كەلگەنىدى. سۇ سۈپىتى مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىش ئۈچۈن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى 2016- يىلى يېزىلارنىڭ بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشىنى ئوبلاستنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى بىرىنچى چوڭ ئىش قاتارىدا ئىلگىرى سۈردى، ئۆرۈك دەرياسىدىن سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى دەل شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

  ئۆرۈك دەرياسىدىن سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى ئۇلۇغچات ناھىيەسى بىلەن ئاتۇش شەھىرىدىن ئۆتىدۇ، تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 78.2 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ ئاتۇش شەھىرى سانائەت رايونىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى ۋە ئاتۇش شەھىرى سۇ تەقسىملەش قۇرۇلۇشىغا بۆلۈنىدۇ، جەمئىي 432 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. بۇ قۇرۇلۇش 2016- يىل 9- ئاينىڭ 26- كۈنى باشلانغان، بۇ يىل 6- ئاينىڭ 29- كۈنى پۈتۈپ، سۇ باشلاندى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ خۇيجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆرۈك دەرياسىدىن سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان، ھەر مىللەت ئامما ئۇزاقتىن زارىقىپ كۈتۈۋاتقان چوڭ ئىش بولغاچقا، چوقۇم ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قۇرۇلۇش قىلىش كېرەك ئىكەن. ئۆرۈك دەرياسىدىن سۇ باشلاش قۇرۇلۇشىنى قەرەلىدە پۈتتۈرۈش ئۈچۈن، ھەر مىللەت قۇرغۇچىلار بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، خالىس تۆھپە قوشقان. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان، قىش پەسلى قەھرىتان سوغۇق بولغاچقا، نۇرغۇن قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش توختاپ قالغان بولسىمۇ، ئۆرۈك دەرياسىدىن سۇ باشلاش قۇرۇلۇشىدا ئىش توختىمىغان. بولۇپمۇ سۇ تەقسىملەش ئېغىزىدىكى سۇ سۈزۈش كارىدورى ۋە سۇ يىغىلىش قۇدۇقىنى ياسىغاندا، سوغۇق بولغاچقا، نۇرغۇن ئىشچىنىڭ قولى مۇزدەك پولات چىۋىققا چاپلىشىپ قالغان. لېكىن، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ھەر مىللەت كادىرلار بۇنىڭدىن ۋايسىمىغان. قۇرۇلۇش قوشۇنىدىكىلەر 2017- يىلى چاغاندا ھارپا ئاخشىمىلىق تاماقنى ئىش ئورنىدا يېگەن. ئون نەچچە قۇرۇلۇش ئورنىدىكى 1000غا يېقىن قۇرۇلۇشچىنىڭ توققۇز ئايدىن ئارتۇق بوشاشماي كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۆرۈك دەرياسىدىن سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى قەرەلىدە پۈتۈپ، شۇ جاينىڭ تۇرمۇش ۋە سانائەتكە ئىشلىتىدىغان سۈيى يەر ئۈستى سۈيىگە ئۆزگەرتىلىپلا قالماي، بۇ لىنىيە بويىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشتا ئىچىدىغان سۇ ئۆلچىمى 2- دەرىجىدىن 1- دەرىجىگە ئۆسكەن.

  ئۆرۈك دەرياسىدىن سۇ باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان ئاتۇش شەھەرلىك «خېڭشياڭ» سۇ ئىشلىرى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋېي پېيلياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قۇرۇلۇش يىلدا 16 مىليون 20 مىڭ كۇب مېتىر سۇ باشلايدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن، بۇ قۇرۇلۇش ئاتۇش شەھەر رايونى، كاتتايلاق يېزىسى، ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى، سۇنتاغ يېزىسى ھەم ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم يېزا- بازارلاردىكى 200 مىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ قىس بولۇش مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلدى، بولۇپمۇ ئاتۇش شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغنى كۆكەرتىشكە ئىشلىتىدىغان سۇ، ئاتۇش شەھىرى كۈنشەن كەسىپلەر رايونى، كىچىك، مىكرو كەسىپلەر رايونىنىڭ سانائەتكە ئىشلىتىدىغان سۇ بېسىمىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر