باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىشكە ئالاقىدار 13 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىنى ئومۇملاشتۇردى

2017.09.15 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىشكە ئالاقىدار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ، پۈتۈن مەملىكەت ھەم بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ (جۇجياڭ دېلتىسى)، ئەنخۇي(خېۋۇباڭ)، سىچۈەن(چېڭدېميەن)، خۇبېينىڭ ۋۇخەن، شەنشىنىڭ شىئەن، لياۋنىڭنىڭ شېنياڭ قاتارلىق سەككىز ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھاتى سىناق رايونىدا، يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىشكە ئالاقىدار تۆت جەھەتتىكى 13 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، پەن-تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسىدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە، «چاتما كارخانىلارنىڭ كەسىپ زەنجىرىدىكى يادرولۇق باشلامچى كارخانىلاردىن كىرىم قىلىشقا تېگىشلىك ھېسابتىكى پۇلنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى»، «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا يۈزلەنگەن بىر نۇقتىدا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇچۇر مۇلازىمىتى»، «قەرز پۇل، سۇغۇرتا، مالىيە خەۋپ-خەتەر تولۇقلىمىسىغا باغلانغان پاتېنت ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى» دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكلەش، ئامما قاتنىشىش، بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللايدىغان مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاشتا جانلىق ۋە قولايلىق بولۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە قورالىنىڭ تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش سىياسەت مۇھىتى جەھەتتە، «پاتېنتنى تېز تەكشۈرۈش، ھوقۇقنى قوغداش، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش بىر كۆزنەك مۇلازىمىتى»، «يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان دۆلەت كارخانىلىرىنى باھالاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش»، «كەسپىي ئورۇنلار يىللىق مائاش تۈزۈمى، كېلىشىملىك مائاش تۈزۈمى، تۈر مائاشى قاتارلىق جانلىق، كۆپ خىل تەقسىمات شەكلى ئارقىلىق كەمچىل ياكى يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش»، «كەسپىي ئورۇنلار ئىشتاتىنى ئۆلكە ئىچىدە بىر تۇتاش ئىشلىتىش»، «دۆلەت بېجى بىلەن يەرلىك باجنى بىرلەشتۈرۈپ بېجىرىش» دىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئالاقىدار رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، قانۇنلۇق كىرىم-پايدىسىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش جەھەتتە، «مۇنەۋۋەر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگودا ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى بىۋاسىتە خىزمەت ئىجازىتى ۋە ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتى ئىلتىماس قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش»، «چەت ئەللىك يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى پائال كىرگۈزۈپ، جۇڭگوغا كېلىپ ئىشلەش رەسمىيىتى بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، خىزمەت سەۋەبلىك تۇرۇشنى مەڭگۈلۈك تۇرۇشقا ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش يولىنى كۆپەيتىش» دىن ئىبارەت ئىككى ئىسلاھات تەبىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېلىمىزدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى سىياسەت توسۇقىنى يەنىمۇ بۇزۇپ تاشلاپ، چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېلىمىزگە توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، ھەربىي بىلەن خەلق بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە، «ھەربىي بىلەن خەلقنىڭ چوڭ تىپتىكى دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقات ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرىنى بىرىكتۈرۈپ ئورتاق بەھرىلىنىش»، «پاي ھوقۇقىنى ۋاسىتە قىلغان ھەربىي-خەلق تېخنىكا ئىتتىپاقى يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى»، «پۇقراۋى كارخانىلارغا يادرولۇق ھەربىي بويۇم سەپلەشنى بېكىتىش ۋە ئىجازەت بېرىش ئۆلچىمى» دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەربىي بىلەن خەلق بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىي سانائىتى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە ئايلاندۇرۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى ھەربىي بويۇم تەتقىق قىلىپ ياساشقا تېخىمۇ كەپ دائىرىدە قاتناشتۇرۇپ، ھەربىي ئېھتىياجغا لايىقلاشقان ئىشلەپچىقىرىشنى خەلق ئېھتىياجىغا لايىقلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كۆچۈرۈش، پۇقراۋى كارخانىلارنى ھەربىي بويۇم ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشتۇرۇشتەك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىي بىلەن خەلقنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى ياخشى تەقسىملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر