باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تەشۋىقات ئۆمىكىدىكىلەر نەزەرىيە ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەردى

2017.09.15 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات ئۆمىكى قايتا تەشكىللەنگەندىن بۇيان، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان، ئاممىغا ئىلھام بېرىدىغان، ئاممىنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى قوزغايدىغان مەخسۇس تېمىلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاممىۋى تەشۋىقاتنىڭ شەكلى، مەزمۇنى ۋە قۇرۇلمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەشۋىقات مەزمۇنىنى ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئاممىباب تىل ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات ئۆمىكىدىن گۈلبەھرەم مەمەت مۇنداق دېدى: ھەر قېتىملىق تەشۋىقاتقا چىقىشتىن بۇرۇن، تەشۋىقات مەزمۇنىغا دائىر نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، سىستېمىلىق تەشۋىقات تېزىسى تەييارلاپ، ئامما ئاسان قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇللار بىلەن يەتكۈزۈپ، تەشۋىقات ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردۇق.

  ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزىدىن گۈلنىساقىز ئەختەم: مەن ئەسلىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىدىم. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشۋىقات خىزمىتىگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ، تەشۋىقات ئۆمىكىنىڭ بىر ئەزاسى بولغاندىن كېيىن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى»نى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق ئۆگىنىپ، نەزەرىيەۋى قابىلىيىتىمنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۈم.

  ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزىدىن تۇرسۇنجان مۇنداق دېدى: مەن ئاۋات ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتىن تەشۋىقات ئۆمىكىگە كەلگەندىن بۇيان، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك سۆزلىرى ۋە «26-ئىيۇل» مۇھىم سۆزىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، نەزەرىيەۋى قابىلىيىتىمنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئامما ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىسىغا ئايلاندىم.

  ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات ئۆمىكىدىكىلەر پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26-ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنى قايتا-قايتا ئۆگىنىپ، مۇھاكىمە قىلىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نەزەرىيە جەھەتتىن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ھەقىقىي ئەھمىيەت بېرىپ، تەشۋىقات ئىشلىرى ئۈچۈن ئېنېرگىيە توپلىدى.

  ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزىدىن گۈلباھار سەمەت مۇنداق دېدى: تەشۋىقات ئۆمىكىگە كەلگەندىن بۇيان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تويلىشىش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق بىر يۈرۈش قانۇن-نىزاملارنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان قانۇن-نىزام بىلىملىرىگە ئىگە بولدۇق.

  ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات ئۆمىكىدىكىلەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەتراپىدىكى ئىلغار تىپلارنى قېزىپ، ئىلغار تىپلارنىڭ ھېكايىلىرىنى جانلىق بايان قىلىپ، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزىدىن ئادالەت مىجىت مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئاۋات ناھىيەمىزگە ھاكىم بولۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئۈلگىنىڭ رولىغا، ئۈلگىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە، ئۈلگىنىڭ جەلپكار مەنىۋى پەزىلىتىگە بولغان چۈشەنچىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. بىز ناھىيەمىز تەۋەسىدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئىلغار تىپلار ۋە ئىلغار شەخسلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇلارنىڭ نەمۇنىلىك ئىش-ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق.

  ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات ئۆمىكىدىكىلەر «شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ماركسىزملىق مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى، مىللەت قارىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى.

  ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات ئۆمىكىدىن مەريەم يەھيا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. بۇ جايدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا بىللە ياشاپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بىللە مەدەنىيەت يارىتىپ، جۇڭخۇا ئېلىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن قالتىس تۆھپىلەرنى قوشقان. بىز شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخى» ھەققىدىكى تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى تەشۋىقات خىزمىتىمىزگە پۇختا ئاساس سالدۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر