باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 7000 خادىم جەنۇبىي شىنجاڭدا مائارىپقا ياردەم بېرىدۇ

2017.09.15 14:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون يېقىندا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان مەمۇرلار، يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا يەسلىلىرىگە بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىغان، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 7000 خادىم 9- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار «قوش تىل» مائارىپىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2- تۈركۈمدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار «قوش تىل» مائارىپىغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار ئاپتونوم رايون يېڭىدىن قوبۇل قىلغان 3000 مەمۇر، يېڭىدىن تەكلىپ قىلغان 2000 ئوقۇتقۇچى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى تاللاپ ئەۋەتكەن 2000 كادىر ۋە خادىمدىن تەشكىللەنگەن، ئۇلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىكى 33 ناھىيە، شەھەردە مائارىپقا ياردەم بېرىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىگە مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بارىدىغان كادىر- خادىملار ئەڭ كۆپ بولۇپ، 2700گە يېتىدىكەن. بۇنىڭغا تۇنجى تۈركۈمدە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن 3000 كادىرنى قوشقاندا، ھازىرغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلىرىدىكى يەسلى مائارىپىغا ياردەم بېرىدىغان كادىر 10 مىڭغا يەتكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار «قوش تىل» مائارىپىغا ياردەم بېرىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇنىۋېرسال كاپالەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى جۈن: ئاپتونوم رايوننىڭ پىلانى بويىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ 2020- يىلىغىچە، ھەر يىلى 7000 كىشى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلىرىغا يەسلى مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ، دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2- تۈركۈمدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار «قوش تىل» مائارىپىغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار 9- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن بۇرۇن ناھىيە، شەھەرلەرگە بېرىپ، ناھىيە، شەھەرلەردە ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن سەككىز كۈن بىر تۇتاش تەربىيەلەنگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر