باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش يولغا قويۇلدى

چېگرا پورتلىرىدا بارلىق ئىمپورت قىلىنماقچى بولغان ماللارنى «بىر قېتىمدىلا مەلۇم قىلىش»قا بولىدۇ

2017.07.05 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئايدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش بىر تۇتاش يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئىمپورت ساھەسى ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىپ، مەملىكەت بويىچە بارلىق تاموژنىلاردا ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن يۆتكەپ كېلىنىپ ئىمپورت قىلىنغان ماللار بىر تۇتاش «بىر قېتىمدا مەلۇم قىلىش، باسقۇچقا بۆلۈپ بىر تەرەپ قىلىش» تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مەشغۇلات تەرتىپى بويىچە بېجىرىلىدۇ. 3-ئىيۇل سائەت 16گە قەدەر، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ 7-ئايدا بېجىرگەن بىر گەۋدىلەشكەن تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونى 697 بېلەتكە يېتىپ، ئومۇمىي كەسىپنىڭ ئىجرا قىلىنىشى تەكشى ۋە ئوڭۇشلۇق بولدى.

  تاموژنا باش مەھكىمىسى مەملىكەت بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمپورت ساھەسىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تاموژنا بېجىنى ئۆزى مەلۇم قىلىش، ئۆزى تاپشۇرۇش، تاموژنا ئورگىنىنىڭ باج ئېلىشنى باشقۇرۇش ئامىللىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.

  بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى 11 مىڭ 824 تاشقى سودا كارخانىسى خالىغان بىر تاموژنىنى تاللاپ مەلۇم قىلىش، باج تاپشۇرۇش قاتارلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيەتلىرىنى تاماملىسا بولىدۇ. كارخانىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەيلى قەيەردە تاموژنا رەسمىيىتى ئۆتىسۇن، مەملىكەت بويىچە ئوخشاش قانۇن ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۆلچىمى قوللىنىلىپ، كارخانىلار ئۈچۈن بىر تۇتاش بولغان تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە قولايلىق شارائىت يارىتىلىپ بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر