باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى تيەن جيەنرۇڭ قاتارلىق ئۈچ كىشى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

2017.06.23 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  1. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى تيەن جيەنرۇڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى تيەن جيەنرۇڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  2. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك رازۋېدچىكى، خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئېلى ئىمىن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك رازۋېدچىكى، خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئېلى ئىمىننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  3. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى خې جۈن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى خې جۈننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر