باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت شېئىرى قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى تۇنجى قېتىم ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى

2017.06.23 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-قېتىملىق يىغىنى 22-ئىيۇندىن باشلاپ تۇنجى قېتىم دۆلەت شېئىرى قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى. دەسلەپكى قانۇن لايىھەسىدە دۆلەت شېئىرى ئورۇنداش، ئوقۇشقا تېگىشلىك سورۇنلار، دۆلەت شېئىرىنىڭ ئۆلچەملىك نوتىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئېلان قىلىش ۋە ئىشلىتىش، دۆلەت شېئىرى ئوقۇغاندىكى قائىدە-يوسۇن شۇنداقلا دۆلەت شېئىرى ئوقۇش، قويۇشقا بولمايدىغان سورۇنلار قاتارلىقلار قېلىپلاشتۇرۇلدى.

  دەسلەپكى قانۇن لايىھەسىدە «پىدائىيلار مارشى»نىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىمۋولى ۋە بەلگىسى ئىكەنلىكى بېكىتىلدى. لايىھەنىڭ قوشۇمچە ھۆججىتىدە دۆلەت شېئىرىنىڭ تېكىستى ۋە نوتىسى ئوچۇق يېزىلدى.دەسلەپكى قانۇن لايىھەسىدە يەتتە ئورۇندا دۆلەت شېئىرى ئورۇنداش بېكىتىلدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە جايلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش يىغىنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش يىغىنى؛ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى؛ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى؛ ھەر دەرىجىلىك ئورگان تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھىم تەبرىكلەش پائالىيىتى، مۇھىم تەقدىرلەش مۇراسىمى، مۇھىم خاتىرىلەش مۇراسىمى، دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى قاتارلىقلار؛ مۇھىم دىپلوماتىيە پائالىيىتى؛ مۇھىم تەنتەربىيە مۇسابىقىسى: دۆلەت شېئىرى ئورۇنداشقا تېگىشلىك باشقا سورۇنلار.

  دەسلەپكى قانۇن لايىھەسىدە يەنە مۇنۇلار بېكىتىلدى: شەخسلەرنىڭ دەپنە ئىشلىرى پائالىيىتى قاتارلىق نامۇۋاپىق سورۇنلاردا دۆلەت شېئىرى ئوقۇشى، قويۇشىغا بولمايدۇ. دۆلەت شېئىرىنى ماركا، ئېلان، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىشلىتىدىغان مۇزىكا قىلىپ قوللىنىشقا ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا قوللىنىشقا بولمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر