باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خاڭجۇدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك تۇرالغۇغا ئوت كېتىپ، تۆت ئادەم قازا قىلدى

ئېگىز بىنالارغا ئوت كەتكەندە جاننى قانداق قۇتۇلدۇرۇش كېرەك؟

2017.06.23 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خاڭجۇ شەھىرى يۇقىرىقى شەھەر رايونى لەنسې چيەنجياڭ ياتاق بىناسىنىڭ ئىككى كورپۇس بىناسىدا 22-ئىيۇن ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، ئوت ئاپىتىدە يارىلانغان تۆت كىشى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى.

  ئېگىز بىنالاردىكى ئوت ئاپىتىدە جاننى قانداق ئېلىپ قېچىش كېرەك؟ ئوت ئۆچۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى ئېگىز بىنالاردا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ئوت نۇقتىسى قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئوت مۇداپىئە يولىنى بويلاپ تېز سۈرئەتتە بىنادىن پەسكە قاراپ يۈگۈرۈش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

  ۋېنجۇ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىنىڭ ئىشتاب ئوفىتسېرى يۈ گېنلىڭ مۇنداق دېدى: ئېگىز بىنالارغا ئوت كەتكەن ھامان، ئوت تېزلا يامراپ كېتىدۇ, تارقاقلاشتۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ، ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېگىز بىنالاردا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ھامان، دەرھال قېچىپ چىقىش بىرىنچى تاللاشتۇر. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پەسكە قاراپ يۈگۈرۈش، ئېغىز- بۇرۇنلارنى چىڭ ئېتىش، بەدەننى ھۆل قىلىۋېلىش لازىم.

  خاڭجۇ شەھىرى بىنجياڭ رايونلۇق ئوت مۇداپىئە چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىشتاب باشلىقى جاڭ يىلى: ئېگىز بىنالاردىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەر كۆپ قىسىم ئەھۋالدا قويۇق ئىسلارنى سۈمۈرۈۋېلىپ تۇنجۇقۇپ قالغانلىقتىن كېلىپ چىققان، ئەگەر ئىس بەك كۆپ بولسا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئېڭىشىپ مېڭىش، ھۆل لۆڭگە، قولياغلىق بىلەن بۇرۇننى ئېتىۋېلىش كېرەك، ھۆل لۆڭگە قاتارلىقلار ئوت ئىچىدە قالغانلارنىڭ ئىس-تۈتەك زەخىمسىدىن ساقلىنىشىدىكى ئەڭ ئاددىي ئۈنۈملۈك قورال، دېدى.

  ئوت بەك چوڭ ياكى ئىس-تۈتەك بەك قويۇق بولۇپ، داۋاملىق يۈگۈرگىلى بولمىغاندا، ئىمكان قەدەر ئىس كىرمەس پەلەمپەي، تازىلىق ئۆيى قاتارلىق جايلارغا مۆكۈنۈپ ئىشىكنى يېپىپ، ئازراق رەخت ياكى لۆڭگىلەرنى قىستۇرۇپ، دېرىزىنى ئېچىپ ئوچۇق رەڭلىك لۆڭگە ياكى باشقا سىگنال بېرىدىغان نەرسىلەرنى پۇلاڭلىتىپ، قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ۋاقتىدا بايقىشىغا قولايلىق يارىتىش لازىم.

  ئوت ئۆچۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى يەنە مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ: ئوت ئىچىدە قالغاندا چوقۇم مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قېچىپ قۇتۇلۇش، پۇل-ماللارغا تارتىشىپ تۇرۇپ قالماسلىق لازىم. ئوت كەتكەن قىزىق مۇھىتتا، مېتال زىننەت بۇيۇملىرى تېز سۈرئەتتە ئىسسىقلىقنى قوبۇل قىلىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قىزىپ كېتىدۇ، ئېلىۋېتىشكە ئۈلگۈرەلمىگەندە بەدەننى كۆيدۈرۈپ زەخىملەندۈرىدۇ، شۇڭا مېتال زىننەت بۇيۇملىرىنى ۋاقتىدا ئېلىۋېتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر