باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر جاڭ جيەنخۇا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

شىنجاڭنىڭ نېفىت- تەبىئىي گاز كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشنى پائال ئىلگىرىلىتىمىز

2017.06.02 16:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 6- ئاينىڭ 1- كۈنى جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جيەنخۇا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شۆھرەت زاكىر جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ بىلەن ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈردى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى ئاشتى.

  شىنجاڭنىڭ نېفىت- گاز بايلىقى مول، تەرەققىياتى كىشىنى تەقەززا قىلىدۇ، بىراق ئېغىر سانائەتنى ئاساس قىلغان سانائەت ئىقتىسادى ئاجىزراق بولۇپ، سانائەت سىستېمىسى تازا مۇكەممەل ئەمەس، جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان سېلىنما سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، چارلاش- ئېچىشنى، تۈرلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا سانائەت تۈرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق شۇ جايدىكى ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىشقا تۈرتكە بولۇپ، كارخانا بىلەن يەرلىك ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جاڭ جيەنخۇا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە، شۇنداقلا جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق رايون. بىز قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، «جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەش»، «ئۈچتە سەمىمىي، تۆتتە تەلەپچان بولۇش» نى يادرو قىلغان «نېفىت روھى»نى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت- تەبىئىي گاز كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشقا يەنىمۇ پائال قاتنىشىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇمچە قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئورۇنداپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى ھەم تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاۋ چىڭ كۆرۈشۈشتە ھەمراھ بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر