باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

5-ئايدا، 10 ئۆلكە، شەھەرلىك پارتكوم نۆۋەت ئالماشتۇردى، تۆت ئۆلكە، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1-قول رەھبىرى تەڭشەلدى

2017.06.02 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 5-ئايدا، ئون ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى زىچ ئېچىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى كەينى-كەينىدىن سايلاپ چىقىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە خېيلۇڭجياڭ بىردەك «60-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار» پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بىردىنبىر ئۆلكە؛ تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا يېڭىدىن سايلانغان گۇڭ گوچياڭ 2015-يىلى «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى» بولۇپ باھالانغان، ۋاڭ نىڭ، چېڭ ليەنيۈەن، لى شۇچى، لىن بېيچۈەنلەردىن كېيىن 5-بولۇپ مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىككە ئۆستۈرۈلگەن «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى» ھېسابلىنىدۇ؛ شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا يېڭىدىن سايلانغان جۇگې يۈجيې 1971–يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى ليۇ جيېدىن كېيىن ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىگە كىرگەن «70-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» 2-كادىر ھېسابلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، كۆپ ئۆلكە، شەھەرلەر پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى تەڭشىدى: بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گو جىنلۇڭ مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى سەي چى بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن جىنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقلىقىغا تەڭشەلدى؛ جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نەنجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چۇ جېڭلۇڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقىلىقىغا تەڭشەلدى؛ خەينەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ سىگۇي، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىن دو ئايرىم-ئايرىم ھالدا شۇ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچى ئۆتىدى، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى شېن شياۋمىڭ، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى تاڭ رېنجيەن ئۆلكە باشلىقلىقىغا رەسمىي سايلاندى. بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرىنى تەڭشىدى، بۇنىڭ ئىچىدە جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، چىڭخەي، شىنجاڭنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن «ھوقۇق تۇتقۇچى» لىرى بىردەك مەركىزىي كومىتېتىدىن «كەلدى»؛ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىقىغا تەڭشەلدى، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسى ئورنى ۋاقتىنچە بوش قالدۇرۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر