- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز «سائاد» سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىش ماشىنىلىرىنىڭ كورېيەگە مەخپىي توشۇپ كېلىنگەنلىكى توغرىسىدا كورېيە تەرەپ بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى
2017.06.02 14:22 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «سائاد» سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىدىغان تۆت ماشىنىنىڭ كورېيەگە مەخپىي توشۇپ كېلىنگەنلىك ھەققىدىكى خەۋەرگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 1-ئىيۇندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە كورېيە بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ كورېيەدە «سائاد» سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدۇ. بۇ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانى ۋە رايوننىڭ تىنچ- مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پايدىسىز، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىغا زىت بولۇپ، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قەتئى قارشى تۇرىدۇ.
خۇا چۇنيىڭ: «بىز بۇ ھەقتە كورېيە تەرەپ بىلەن سۆزلىشىپ، بۇ ئىشقا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى ۋە قەتئىي مەيدانىمىزنى ئىپادىلەپ، ئامېرىكا ۋە كورېيەنى <سائاد>نى ئورۇنلاشتۇرۇشنى دەرھال توختىتىش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلدۇق»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر